عن عبد الله بن عمرو رضي الله عنهما قال:
لَمْ يَكُنِ النَّبِيُّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ فَاحِشًا وَلَا مُتَفَحِّشًا، وَكَانَ يَقُولُ: «إِنَّ مِنْ خِيَارِكُمْ أَحْسَنَكُمْ أَخْلَاقًا».

[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح البخاري: 3559]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ناچار سۆز-ھەرىكەتلەر سادىر بولمايتتى. ئۇ مۇنداق دەيتتى: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئاراڭلاردىكى ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغانلىرىڭلار».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان] - [سەھى بۇخارى - 3559]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنتايىن گۈزەل ۋە بۈيۈك ئەخلاق ساھىبى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھەرگىزمۇ سەت گەپ ۋە ناچار ئىشلار سادىر بولمايتتى، ئۇنداق ئىشلارنى مەقسەتمۇ قىلمايتتى.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دائىم مۇنداق دەيتتى: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئەخلاقىڭلار ئەڭ گۈزەل، ياخشىلىقنى كۆپ قىلغۇچى، ئوچۇق چېراي، باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزمەيدىغان، يەتكەن ئەزىيەتكە سەبىر قىلىدىغان ۋە كىشىلەر بىلەن گۈزەل شەكىلدە ئارىلىشىپ ئۆتىدىغانلىرىڭلاردۇر».

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. مۇئ‍مىن كىشى سەت گەپ ۋە ناچار ئىشلاردىن يىراق بولىشى كېرەك.
  2. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن پەقەت ياخشى ئەمەل ۋە ئېسىل سۆزلەرنىڭ سادىر بولغانلىقى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كەمالى ئەخلاق ساھىبى ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
  3. گۈزەل ئەخلاق دېگەن مۇسابىقە قىلىشىدىغان مەيداندۇر، كىمكى بۇ مەيداندىكى مۇسابىقىدىن ئۇتۇپ چېقىدىكەن، ئۇ كىشى مۇئ‍مىنلەرنىڭ ياخشىسى ۋە ئىمانى مۇكەممەل بولغىنىدۇر.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (63)
تېخىمۇ كۆپ