عن أبي هريرة رضي الله عنه مرفوعاً: «كان رجل يُدَايِنُ الناس، وكان يقول لفَتَاه: إذا أَتَيْتَ مُعْسِرًا فَتَجَاوَزْ عنه، لعَلَّ الله أن يَتَجَاوَزَ عنَّا، فَلَقِيَ الله فتَجَاوز عنه».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرگە قەرىز بېرىدىغان بىر ئادەم بولۇپ، ئۇ خىزمەتكارىغا: ئەگەر قىيىنچىلىقى بار ئادەمنىڭ قېشىغا بارساڭ، ئۇنىڭدىن قەرىزنى كەچۈرىۋەت، ئاللاھ بىزنى كەچۈرۋەتسە ئەجەپ ئەمەس دەيتتى، كېيىن ئۇ كىشى ئاللاھقا ئۇچراشقاندا، ئاللاھ ئۇنى كەچۈرۋەتتى»
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: «كىشىلەرگە قەرز بېرىدىغان بىر كىشى بار ئىدى»، يەنى: ئۇ كىشىلەر بىلەن قەرزگە مۇئامىلە قىلاتتى ياكى مەلۇم مۇددەتتە بېرىشكە مال ساتاتتى، كىشىلەردىن قەرز سۈيلەپ بارىدىغان خىزمەتچىسىگە: قەرزدار كىشىنىڭ بېرىدىغان بىر نەرسىسى بولمىغانلىقتىن قەرزنى ئادا قىلىشقا قادىر بولالمىسا، چىڭ تۇرۇپ سۈيلىمەي، مۆھلەت بېرىش بىلەن ياكى قەرزگە يەتمىسىمۇ بارىنى قوبۇل قىلىش بىلەن «ئۇنىڭدىن كەچۈرىۋەت» دەيتتى، بەلكىم ئاللاھ، ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى كەچۈرۈۋەتكىنىمىز، ئۇلارغا ئاسانلىق يارىتىپ بەرگىنىمىز، ئۇلاردىن قىيىنچىلىقنى كۆتۈرۋەتكىنىمىز ئۈچۈن بىزنىمۇ كەچۈرۋىتەر، دەيتتى. ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز بەندىلىرىگە ياخشىلىق قىلغىنىغا قارىتا بەندىلەرنى مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى ۋە ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجىر-ساۋابىنى بىكار قىلىۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلەتتى. «ئۇ ئاللاھقا ئۇچراشقاندا، ئاللاھمۇ ئۇنى كەچۈرۈۋەتتى» يەنى: ئۇنىڭ كىشىلەرگە مېھرىبانلىق قىلغانلىقى، كۆيۈنگەنلىكى، ئاسانلىق يارىتىپ بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن گەرچە ئۇ كىشى ھاياتىدا ياخشى ئەمەل قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇنى كەچۈرۈۋەتتى. نەسائى ۋە ئىبنى ھىبباننىڭ رىۋايىتىدە: «ھاياتىدا پەقەت ياخشى ئىش قىلىپ باقمىغان بىر كىشى كىشىلەرگە قەرز بېرەتتى، قەرز سۈيلەيدىغان خىزمەتچىسىگە: ئاسان بولغاننى ئالغىن، قىيىنچىلىقى بارنى قويغىن، ئەپۇ قىلىۋەتكىن، ئاللاھ تائالامۇ بىزنى ئەپۇ قىلىۋىتەر دەيتتى». ئۇ ئاللاھ تائالاغا ياخشى قاراشتا بولۇپ، ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ياخشىلىق قىلدى، ئاللاھمۇ ئۇنىڭ خاتالىقلىرىدىن ئۆتىۋەتتى، مۇكاپات قىلغان ئىشىنىڭ تۈرىدىن بولدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ