عن أبي هريرة رضي الله عنه مرفوعاً: «أكمل المؤمنين إيمانا أحسنهم خلقا، وخياركم خياركم لنسائهم».
[حسن] - [رواه أبو داود والترمذي والدارمي وأحمد]
المزيــد ...
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: مۆئمىنلەرنىڭ ئىمانى ئەڭ مۇكەممەل بولغانلىرى، ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغان كىشىلەر. سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئاياللىرىغا ئەڭ ياخشى مۇئامىلىدە بولىدىغانلاردۇر
ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ) - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
مۆمىنلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرجىلىكلىرى ئۇنىڭ ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغانلىرىدۇر. گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق ئىنسان كىشىنىڭ ئايالىدۇر. بەلكى ئەڭ ئەخلاقى گۈزەل كىشى ئايالىغا ئەڭ ياخشى مۇئامىلىدە بولىدىغانلاردۇر