ھەدىسلەر تىزىملىكى

مۇئ‍مىنلەردىن كامالى ئىمانغا ئىگە كىشىلەر ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغان كىشىلەردۇر. سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئاياللىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىرىڭلاردۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەر ۋاپا قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق بولغان شەرت ئەۋرەتنى ھالال قىلغاندىكى شەرتلەردۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە ھاجەت خۇتبىسىنى تەلىم بەردى
عربي الإنجليزية الأوردية
نىكاھ پەقەت ۋەلىي بىلەن بولىدۇ». (ۋەلىيسىز نىكاھ باتىلدۇر)
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەگەر ئەركىشى ئۆزىنىڭ ئايالىنى ھاجىتى ئۈچۈن چاقىرسا، ئەگەر ئۇ ئايال تونۇر بېشىدا بولسىمۇ كەلسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەرنىڭ ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى ياشلار! سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن كىمكى نىكاھلىنىشقا قادىر بولغانلار توي قىلسۇن، چۈنكى ئۇ ئىنساننىڭ كۆزى ۋە ئەۋرىتىنى ھارامدىن ساقلايدۇ، كىمكى نىكاھلىنىشقا قادىر بولالمىسا روزا تۇتسۇن، چۈنكى روزا ئۇنىڭ ئۈچۈن قالقاندۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
چوكان ئوچۇق گەپ بىلەن ماقۇلغا كەلمىگۈچە نىكاھى قىلىنمايدۇ. قىز رۇخسەت بەرمىگۈچە نىكاھى قىلىنمايدۇ. ساھابىلار: ئى رەسۇلۇللاھ! قىزنىڭ رۇخسىتى قانداق بولىدۇ؟ دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنىڭ سۇكۇتتا تۇرغىنى ماقۇل دېگىنىدۇر، دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
قايسى بىر ئايال دادا-ئاكىلىرىنىڭ ئىزنىسىز ئەرگە تېگىدىكەن، ئۇ ئايالنىڭ نىكاھى باتىلدۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
ئايالىنىڭ كەينى تەرىپىگە يېقىنچىلىق قىلغان ئادەم لەنەت قىلىنغۇچىدۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇڭلار، ھەقىقەتەن ئايال كىشى قوۋۇرغىدىن يارىتىلغان، قوۋۇرغىلارنىڭ ئەڭ ئەگرىسى ئەڭ ئۈستىدىكىسى بولىدۇ. ئەگەر ئۇنى رۇسلايمەن دېسەڭ، سۇندۇرۇپ قويىسەن ۋە ئەگەر ئۇنى تاشلاپ قويساڭ ئاشۇنداق ئەگرى تۇرىۋېرىدۇ، شۇڭا ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار
عربي الإنجليزية الأوردية
بىرىڭلار ئايالىنى قۇلنى قامچىلىغاندەك قامچىلاپ بولۇپ، كېچىسى ئايالى بىلەن بىرگە بولۇپ قېلىشى مومكىن
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاماقنى ئۈچ بارمىقى بىلەن يەپ، يەپ بولغاندىن كىيىن بارماقلىرىنى يالىۋەتكەنلىكىنى كۆردۈم
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەگەر بىر ئايال بۇ دۇنيادا ئېرىغا ئەزىيەت بەرسە، ئۇ ئەرنىڭ ئاخىرەتتىكى ھۆر-پەرىلەردىن بولغان ئايالى، ئۇ ئايالغا: ئاللاھ تائالا ساڭا لەنەت قىلسۇن، ئۇنىڭغا ئەزىيەت بەرمە، ئۇ سېنىڭ قېشىڭدا بىر مېھماندۇر، ئۇ سېنىڭدىن ئايرىلىپ بىزلەرنىڭ قېشىمىزغا كېلىدىغانغا ئازلا ۋاقىت قالدى، دەيدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، شەرتلىك نىكاھتىن (شىغاردىن) چەكلىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوسمان ئىبنى مەزئۇننىڭ، ھەتتا ئايالىغىمۇ يېقىن كەلمەي تەركى دۇنيا بولۇپ ئىبادەت قىلىشقا سورىغان رۇخسىتىنى رەت قىلدى
عربي الإنجليزية الأوردية
بىر ئايال بىلەن ئۇنىڭ دادىسى ياكى ئانىسى تەرەپتىن بولغان ھاممىسى بىر ئەرنىڭ زىممىسىدە بولمايدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
سۈننەتتە، ئەگەر بىر كىشى بىر قىزنى چوكاننىڭ ئۈستىگە ئالسا، قىزنىڭ ياتىقىدا يەتتە كۈن تۇرۇپ ئاندىن كۈنلەرنى تەقسىم قىلىدۇ. ئەگەر چوكاننى باشقىلارنىڭ ئۈستىگە ئالسا، ئۇنىڭ ياتىقىدا ئۈچ كۈن تۇرۇپ ئاندىن كۈنلەرنى تەقسىم قىلىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھ ھالاللاپ بەرگۈچىگە ۋە ھالاللاتقۇچىغا لەنەت قىلدى
عربي الإنجليزية الأوردية
يەھۇدىيلار: ئايال كىشىنىڭ كەينى تەرىپىدىن كېلىپ جىما قىلسا بالىسى ئالىغاي تۇغۇلىدۇ، دەيىتتى، بۇ ۋاقىتتا: «ئاياللىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن(خۇددى) ئېكىنزارلىقتۇر (يەنى نەسىل تېرىيدىغان جايدۇر)، ئېكىنزارلىقىڭلارغا خالىغان رەۋىشتە كېلىڭلار» دېگەن ئايەت نازىل بولدى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم خەيبەر غازىتى كۈنى مەنپەئەت نىكاھىدىن (مۇتئە) ۋە ئېشەك گۆشى يېيىشتىن چەكلىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەفىييەنى ئازاد قىلىپ، ئازادلىقىنى ئۇنىڭ تويلۇق مەھرى قىلدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ھەرقانداق قۇل خوجايىنىنىڭ رۇخسىتىسىز توي قىلىدىكەن، ئۇ زىنا قىلغۇچىدۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
فەيرۇز مۇنداق دېدى: مەن: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!، مەن مۇسۇلمان بولدۇم، نىكاھىمدا ئاچا- سىڭىل بار» دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىككىسىدىن ئۆزۈڭ خالىغان بىرىنى تالاق قىلغىن» دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ تويلۇق مېھرى قانچىلىك بولغان؟ دەپ سورالغاندا، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ تويلۇق مېھرى 12.5 ئوقىيە بولغان دەيدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية