عن عبد الله بن مسعود رضي الله عنه مرفوعاً: «يا معشر الشباب، من استطاع منكم الباءة فليتزوج؛ فإنه أغض للبصر، وأحصن للفرج، ومن لم يستطع فعليه بالصوم؛ فإنه له وِجَاءٌ».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدتىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئى ياشلار! سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن كىمكى نىكاھلىنىشقا قادىر بولغانلار توي قىلسۇن، چۈنكى ئۇ ئىنساننىڭ كۆزى ۋە ئەۋرىتىنى ھارامدىن ساقلايدۇ، كىمكى نىكاھلىنىشقا قادىر بولالمىسا روزا تۇتسۇن، چۈنكى روزا ئۇنىڭ ئۈچۈن قالقاندۇر
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پاك ۋە ئىپپەتلىك بولۇش ۋاجىپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئەكسى ھارامدۇر. بۇ ئىش ئىماننىڭ ئاجىزلىقى بىلەن شەھۋەتنىڭ كۈچلىنىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ياشلارنىڭ شەھۋىتى كۈچلۈك بولغاچقا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياشلارنى ئىپپەت يولىغا باشلاش ئۈچۈن خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۇلاردىن توي قىلىشقا لازىم بولىدىغان، مېھرى ھەققى، كۈندۈلۈك نەپەقە ۋە تۇرالغۇ جاي قاتارلىق نەرسىلەرگە قۇربى يېتىدىغانلار توي قىلسۇن!، چۈنكى نىكاھلىنىش كۆزنى ھارامدىن، ئەۋرەتنى پاھىشىدىن ساقلايدۇ. شۇڭا يۇقىرىقى ئىشلارغا قۇربى يەتمەيدىغان ئەمما توي قىلغۇسى كېلىپ قالغانلارنى روزا تۇتۇشقا ئۈندىدى. چۈنكى بۇنىڭدا بىرىنچىدىن ئەجىر - ساۋاپ، يېمەك - ئىچمەكنى تەرك ئېتىش ئارقىلىق جىما قىلىش شەھۋىتىنى توسۇش ۋە ئۇنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈندۇر. شۇنىڭ بىلەن ئىنساننىڭ نەپسى ئاجىزلاپ، شەيتان ئېقىپ كىرىدىغان قان تومۇرلار تارىيىدۇ. دېمەك روزا، سېپىرما ئىشلەپ چىقىرىدىغان، شەھۋەتنىڭ قوزغىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان ئىككى تاشاقنىڭ تومۇرىنى سىقىپ قويغاندەكلا شەھۋەتنى كېسىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ