عن عبد الله بن عمر رضي الله عنه مرفوعاً: «إنَّ بِلالاً يُؤَذِّن بِلَيلٍ، فَكُلُوا واشرَبُوا حتَّى تَسمَعُوا أَذَان ابنِ أُمِّ مَكتُوم».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھدىن: «بىلال كېچىدە ئەزان ئېيتىدۇ، سىلەر ئىبنى ئۇممى مەكتۇم ئەزان ئېيىتقۇچە يەپ-ئىچىڭلار» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىككى مۇئەززىنى بار بولۇپ، ئۇلار بىلال ئىبنى رەباھ، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇم ئىدى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇم ئەما كىشى ئىدى. بىلال بامدات نامىزىغا تاڭ ئېتىشتىن ئىلگىرى ئەزان ئېيتاتتى، چۈنكى بامدات نامىزى كىشىلەر ئۇيقىدىكى ۋاقىتتا ئادا قىلىنىدىغان بولغاچقا، كىشىلەر ۋاقتى كىرىشتىن ئىلگىرى تەييارلىق قىلىۋېلىشقا ئىھتىياجلىق ئىدى. رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرنى بىلالنىڭ كېچىدە ئەزان ئېيتىدىغانلىقىغا ئەسكەرتىپ، ئۇلارنى تاڭ يورۇپ، ئىككىنچى مۇئەززىن ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇم ئەزان ئېيىتقۇچە يەپ-ئىچىشكە بۇيرىدى. چۈنكى ئۇ ئىككىنچى تاڭ يورۇغاندا ئەزان ئېيتاتتى. بۇ روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلغۇچىلار ئۈچۈن بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا يىمەك-ئىچمەكتىن توختايدۇ ۋە ناماز ۋاقتى كېرىدۇ، بۇ ئەزان نامازغا خاس. ئەمما باشقا ۋاقىتلاردا نامازنىڭ ۋاقتى كىرىشتىن ئىلگىرى ئەزان ئېيتىش توغرا ئەمەس. بېرىنچى ئەزان بامدات نامىزى ئۈچۈن كۇپايىمۇ ياكى ناماز ۋاقتى كىرگەندە ئىككىنچى ئەزاننى ئېيتىش كېرەكمۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئىختىلاپ قىلىندى، كۆپچىلىك ئالىملار بىرىنچى ئەزان يوللۇق، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن بولدى قىلىنمايدۇ، - دېگەن قاراشتا

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ