عن سالم بن أبي الجَعْدِ قال: قال رجل: ليتني صَلَّيتُ فاسترحْتُ، فكأنّهم عابُوا ذلك عليه، فقال: سمعتُ رسولَ الله صلى الله عليه وسلم يقول:
«يا بلالُ، أقِمِ الصَّلاةَ، أرِحْنا بها».

[صحيح] - [رواه أبو داود]
المزيــد ...

سالىم بىن ئەبى جەئدى مۇنداق دەيدۇ، بىر كىشى: كاشكى ناماز ئادا قىلىپ راھەتلەنگەن بولسام دېگەن ئېدى، كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەيىپلەش نەزىرى بىلەن قارىدى، ئۇ كىشى مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان:
«ئى بىلال! نامازغا تەكبىر ئېيتىپ ئۇنىڭ بىلەن بىزنى راھەتلەندۈرگىن»دېگەن.

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ساھابىلاردىن بىر كىشى كاشكى ناماز ئادا قىلىپ راھەتلەنگەن بولسام دېگەندە، كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەيىپلەش نەزىرى بىلەن قارىدى، ئۇ كىشى مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئى بىلال! نامازغا ئەزان توۋلاپ، تەكبىر ئېيتقىن ناماز بىلەن راھەتلىنەيلى» دېگەنلىكىنى دەيدۇ. بۇنداق بولىشى نامازدا ئىنسان ئاللاھ تائالاغا مۇناجات قىلىدۇ، دىلى ۋە روھى راھەتلىنىدۇ.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. نامازدا ئاللاھ تائالاغا مۇناجات قىلىش بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن ئىنساننىڭ دىلى راھەتلىنىدۇ.
  2. ئىبادەتنى ئېغىر كۆرگەن كىشىگە رەددىيە بېرىش.
  3. ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلىپ، زىممىسىنى پاكلىغان كىشىگە بۇنىڭ بىلەن راھەت ۋە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى ھاسىل بولىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ