عن جابر رضي الله عنه:
أَنَّ رَجُلًا سَأَلَ رَسُولَ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ، فَقَالَ: أَرَأَيْتَ إِذَا صَلَّيْتُ الصَّلَوَاتِ الْمَكْتُوبَاتِ، وَصُمْتُ رَمَضَانَ، وَأَحْلَلْتُ الْحَلَالَ، وَحَرَّمْتُ الْحَرَامَ، وَلَمْ أَزِدْ عَلَى ذَلِكَ شَيْئًا، أَأَدْخُلُ الْجَنَّةَ؟ قَالَ: «نَعَمْ»، قَالَ: وَاللهِ لَا أَزِيدُ عَلَى ذَلِكَ شَيْئًا.

[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە:
بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: مەن بەش ۋاقىت نامازنى ئادا قىلسام، رامىزان روزىسىنى تۇتسام، ھالالنى ھالال ۋە ھارامنى ھارام دەپ ئېتىقاد قىلسام، ئۇنىڭدىن ئارتۇق بىر ئىش قىلمىساممۇ جەننەتكە كېرىمەنمۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ھەئە» دېدى، ئۇ كىشى: ئاللاھ بىلەن قەسەم! مەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق قىلمايمەن دېدى.

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە: بىر كىشى پەرز قىلىنغان بەش ۋاقىت نامازنىلا ئوقۇپ باشقا ئارتۇق نەپلە نامازلارنى ئوقۇمىسا، رامىزان روزىسىنىلا تۇتۇپ باشقا نەپلە روزىلارنى تۇتمىسا، ھالالنى ھالال دەپ ئېتىقاد قىلىپ ئەمەل قىلسا، ھارامنى ھارام دەپ ئېتىقاد قىلىپ ئۇنىڭدىن يىراق بولسا، ئۇ كىشىنىڭ جەننەتكە كېرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. مۇسۇلمان پەرز ئەمەللەرنى ئادا قىلىشقا، ھارام ئىشلارنى تەرك قىلىشقا ۋە ئاخىرىقى غايىسى جەننەتكە كېرىش بولىشىغا ھېرىسمەن بولۇش كېرەك.
  2. ھالالنى ھالال دەپ ئېتىقاد قىلىپ ئۇنى قىلىش، ھارامنى ھارام دەپ ئېتىقاد قىلىپ ئۇنىڭدىن يىراق بولۇشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.
  3. پەرز-ۋاجىپ ئەمەللەرنى قىلىش ۋە چەكلەنگەن ئىشلارنى تەرك قىلىش بولسا جەننەتكە كېرىشنىڭ سەۋەبىدۇر.