عَنْ أَسْمَاءَ بِنْتِ أَبِي بَكْرٍ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمَا، قَالَتْ: قَالَ النَّبِيُّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ:
«إِنِّي عَلَى الحَوْضِ حَتَّى أَنْظُرَ مَنْ يَرِدُ عَلَيَّ مِنْكُمْ، وَسَيُؤْخَذُ نَاسٌ دُونِي، فَأَقُولُ: يَا رَبِّ مِنِّي وَمِنْ أُمَّتِي، فَيُقَالُ: هَلْ شَعَرْتَ مَا عَمِلُوا بَعْدَكَ، وَاللَّهِ مَا بَرِحُوا يَرْجِعُونَ عَلَى أَعْقَابِهِمْ».

[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح البخاري: 6593]
المزيــد ...

ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«مەن كول بويىدا تۇرۇپ سىلەردىن مېنىڭ يېنىمغا كېلىدىغانلارغا قارايمەن، كىشىلەر مېنىڭ يېنىمغا كىلىشتىن بۇرۇن تۇتىلىدۇ، مەن: ئى رەببىم! ئۇلار مەندىن ۋە مېنىڭ ئۇممىتىم! دەيمەن، ماڭا: ئۇلارنىڭ سېنىڭدىن كېيىن نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى تۇيدۇڭمۇ؟ ئاللاھ بىلەن قەسەم! ئۇلار دائىم دىندىن يېنىۋالغانلار، دېيىلىدۇ».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان] - [سەھى بۇخارى - 6593]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ قىيامەت كۈنىدە ئۇممىتىدىن كۆلگە سۇ ئېچكىلى كىلىدىغانلارغا قاراش ئۈچۈن كۆلنىڭ ئەتراپىدا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. كىشىلەر كۆلگە كېلىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا يېقىن كەلگىلى تۇرغاندا ئۇلار تۇتىلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئى رەببىم! ئۇلارنىڭ مېنىڭ يېقىنلىرىم، ئۇلار مېنىڭ ئۇممىتىم دەيدۇ. ئۇلارنىڭ سەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى بىلدىڭمۇ؟ ئاللاھ بىلەن قەسەم! ئۇلار دائىم كەينىگە قايتىپ، دىندىن يېنىۋالدى، ئۇلار سېنىڭ يېقىنلىرىڭمۇ ئەمەس ۋە سېنىڭ ئۇممىتىڭدىنمۇ ئەمەس دېيىلىدۇ.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىگە بولغان مېھرىبانلىقى ۋە كۆيۈنىشى بايان قىلىنىدۇ.
  2. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسىگە خىلاپلىق قىلىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.
  3. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە چېڭ ئېسىلىشقا قىزىقتۇرۇش.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (65)
تېخىمۇ كۆپ