عَنْ أَبِي ذَرٍّ رضي الله عنه قَالَ:
قُلْتُ: يَا رَسُولَ اللهِ مَا آنِيَةُ الْحَوْضِ؟ قَالَ: «وَالَّذِي نَفْسُ مُحَمَّدٍ بِيَدِهِ لَآنِيَتُهُ أَكْثَرُ مِنْ عَدَدِ نُجُومِ السَّمَاءِ وَكَوَاكِبِهَا، أَلَا فِي اللَّيْلَةِ الْمُظْلِمَةِ الْمُصْحِيَةِ، آنِيَةُ الْجَنَّةِ مَنْ شَرِبَ مِنْهَا لَمْ يَظْمَأْ آخِرَ مَا عَلَيْهِ، يَشْخَبُ فِيهِ مِيزَابَانِ مِنَ الْجَنَّةِ، مَنْ شَرِبَ مِنْهُ لَمْ يَظْمَأْ، عَرْضُهُ مِثْلُ طُولِهِ، مَا بَيْنَ عَمَّانَ إِلَى أَيْلَةَ، مَاؤُهُ أَشَدُّ بَيَاضًا مِنَ اللَّبَنِ، وَأَحْلَى مِنَ الْعَسَلِ».

[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! كۆلنىڭ قاچىلىرى قانچىلىك؟ دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جېنى قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! كۆلنىڭ قاچىلىرىنىڭ سانى ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ سانىدىن كۆپتۇر، ھاۋا ئوچۇق بولغان قاراڭغۇ كېچىدىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپتۇر، جەننەتنىڭ قاچىلىرىدىن سۇ ئېچكەن كىشى ئەبەدى ئۇسسىمايدۇ، بۇ كۆلگە جەننەتتىن ئىككى نوكەشتىن سۇ قۇيۇلۇپ تۇرىدۇ، بۇ كۆلنىڭ ئۇزۇنلىقى ۋە كەڭلىكى ئۇممان بىلەن ئەيلە ئارىسىدىكى مۇساپىدەك كېلىدۇ، ئۇنىڭ سۈيى سۈتتىنمۇ ئاق ۋە ھەسەلدىن شىرىندۇر».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيامەت كۈنى ئۆزىنىڭ كۆلىنىڭ قاچىلىرىنىڭ سانىنىڭ ئاسمانلاردىكى يۇلتۇزلارنىڭ سانىدىن كۆپ بولىدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم قىلدى. ئاشۇنداق بولىشى: ھاۋا ئوچۇق ئاي چىقمىغان قاراڭغۇ كېچىدە يۇلتۇزلار شۇنداق ئوچۇق پارلايدۇ، چۈنكى ئاي چىققان كېچىدە ئاينىڭ نۇرى بولغانلىقى ئۈچۈن يۇلتۇزلار ئوچۇق پارلىيالمايدۇ، شۇنىڭدەك بۇلۇتلۇق كېچىدىمۇ بۇلۇتلار يۇلتۇزلارنىڭ پارلىشىنى توسۇپ قويىدۇ. ئۇنىڭ قاچىلىرى جەننەتنىڭ قاچىلىرىدۇر، بۇ قاچا بىلەن بۇ كۆلدىن سۇ ئېچكەن كىشى ئەبەدى ئۇسسىمايدۇ. شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇسسۇغان بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۆلىگە جەننەتتىن ئىككى نوكەشتىن سۇ قۇيۇلۇپ تۇرىدۇ، ئۇ كۆلنىڭ ئۇزۇنلىقى بىلەن كەڭلىكى ئوخشاشتۇر. كۆلنىڭ تۆت ئەتراپى بارابەردۇر، كۆلنىڭ ئۇزۇنلۇقى شامنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئۇممان بىلەن ئەيلە ئارىسىدىكى مۇساپىدەك كىلىدۇ. ئۇ كۆلنىڭ سۈيى سۈتتىنمۇ بەك ئاقتۇر، تەمى ھەسەلدىنمۇ بەك تاتلىقتۇر.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ھەۋزى كەۋسەر ۋە ئۇنىڭدىكى تۈرلۈك نېمەتلەرنى ئىسپاتلاش.
  2. كۆلنىڭ ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكىنىڭ كاتتىلىقى ۋە قاچىلىرىنىڭ كۆپلىكىنى بايان قىلىش.
تېخىمۇ كۆپ