عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رضي الله عنه عَنْ رَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ:
«لَمَّا خَلَقَ اللَّهُ الْجَنَّةَ وَالنَّارَ أَرْسَلَ جِبْرِيلَ عَلَيْهِ السَّلَامُ إِلَى الْجَنَّةِ، فَقَالَ: انْظُرْ إِلَيْهَا وَإِلَى مَا أَعْدَدْتُ لِأَهْلِهَا فِيهَا. فَنَظَرَ إِلَيْهَا فَرَجَعَ، فَقَالَ: وَعِزَّتِكَ لَا يَسْمَعُ بِهَا أَحَدٌ إِلَّا دَخَلَهَا. فَأَمَرَ بِهَا فَحُفَّتْ بِالْمَكَارِهِ، فَقَالَ: اذْهَبْ إِلَيْهَا فَانْظُرْ إِلَيْهَا وَإِلَى مَا أَعْدَدْتُ لِأَهْلِهَا فِيهَا. فَنَظَرَ إِلَيْهَا، فَإِذَا هِيَ قَدْ حُفَّتْ بِالْمَكَارِهِ، فَقَالَ: وَعِزَّتِكَ لَقَدْ خَشِيتُ أَنْ لَا يَدْخُلَهَا أَحَدٌ. قَالَ: اذْهَبْ فَانْظُرْ إِلَى النَّارِ وَإِلَى مَا أَعْدَدْتُ لِأَهْلِهَا فِيهَا. فَنَظَرَ إِلَيْهَا فَإِذَا هِيَ يَرْكَبُ بَعْضُهَا بَعْضًا، فَرَجَعَ فَقَالَ: وَعِزَّتِكَ لَا يَدْخُلُهَا أَحَدٌ. فَأَمَرَ بِهَا فَحُفَّتْ بِالشَّهَوَاتِ، فَقَالَ: ارْجِعْ فَانْظُرْ إِلَيْهَا. فَنَظَرَ إِلَيْهَا فَإِذَا هِيَ قَدْ حُفَّتْ بِالشَّهَوَاتِ، فَرَجَعَ وَقَالَ: وَعِزَّتِكَ لَقَدْ خَشِيتُ أَنْ لَا يَنْجُوَ مِنْهَا أَحَدٌ إِلَّا دَخَلَهَا».

[حسن] - [رواه أبو داود والترمذي والنسائي]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
ئاللاھ تائالا جەننەت ۋە دوزاخنى پەيدا قىلغان ۋاقىتتا جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى جەننەتكە ئەۋەتىپ مۇنداق دېدى: سەن جەننەتكە ۋە جەننەت ئەھلى ئۈچۈن جەننەتتە تەييارلانغان نەرسىلەرگە قاراپ باققىن دېدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام جەننەتكە قاراپ بىقىپ قايتىپ كېلىپ: سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى! جەننەتنى ئاڭلىغان كىشى جەننەتكە كېرىدىكەن دېدى، ئاللاھ تائالا جەننەتنىڭ ئەتراپىنى ئىنسانغا قىيىن بولىدىغان كۆڭلى خالىمايدىغان ئىشلار بىلەن ئورىۋېتىشكە بۇيرىدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى: سەن جەننەتكە بېرىپ جەننەتكە ۋە جەننەت ئەھلى ئۈچۈن جەننەتتە تەييارلانغان نەرسىلەرگە قاراپ باققىن دېدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام جەننەتكە بىرىپ قارىسا، جەننەتنىڭ ئەتراپى ئىنسانغا قىيىن بولىدىغان كۆڭلى خالىمايدىغان ئىشلار بىلەن ئورىۋېتىلگەن، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام قايتىپ كېلىپ: سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى! ھېچ بىر ئىنساننى جەننەتكە كېرەلمەي قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن دېدى، ئاللاھ تائالا جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى دوزاخقا ئەۋەتىپ مۇنداق دېدى: سەن دوزاخقا ۋە دوزاخ ئەھلى ئۈچۈن دوزاختا تەييارلانغان نەرسىلەرگە قاراپ باققىن دېدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام دوزاخقا قارىسا دوزاخنىڭ بەزىسى بەزىسىگە كېرىشىپ كەتكەن، قايتىپ كېلىپ: سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى! دوزاخنى ئاڭلىغان ھېچ كىشى دوزاخقا كىرمەيدۇ دېدى، ئاللاھ تائالا دوزاخنىڭ ئەتراپىنى ئىنساننىڭ كۆڭلى تارتىدىغان ۋە مايىل بولىدىغان ئىشلار بىلەن ئورىۋېتىشكە بۇيرىدى، ئاللاھ تائالا جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى قايتىدىن دوزاخقا قاراپ باققىن دېدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام دوزاخقا قارىسا، دوزاخنىڭ ئەتراپى ئىنساننىڭ كۆڭلى تارتىدىغان ۋە مايىل بولىدىغان ئىشلار بىلەن ئورىۋېتىلگەن، قايتىپ كېلىپ: سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى! ھېچ بىر كىشىنىڭ دوزاختىن قۇتۇلالماي ھەممىسى كېرىپ كىتەمدىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن دېدى».

ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ) - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ئاللاھ تائالا جەننەت بىلەن دوزاخنى پەيدا قىلغان ۋاقىتتا جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى: سەن جەننەتكە بېرىپ جەننەتكە قاراپ باققىن دېدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام جەننەتكە قاراپ بىقىپ قايتىپ كەلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن خەۋەر بەردى. جىبرائىل ئەلەيھىسسالام : ئى رەببىم ! سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، جەننەتنى ۋە جەننەتتىكى نېئ‍مەت، ياخشىلىق، ئېسىل نەرسىلەرنى ئاڭلىغان ھەر قانداق كىشى جەننەتكە كېرىشنى ياقتۇرىدۇ ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەل قىلىدۇ دېدى. ئاندىن ئاللاھ تائالا جەننەتنى ۋە جەننەت ئەتراپىنى ئىنسانغا قىيىن بولغان ۋە كۆڭلى تارتمايدىغان قىيىن ئىشلارنى قىلىش ۋە كۆڭلى تارتىدىغان چەكلىمىلەردىن ساقلىنىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئورىۋېتىشكە بۇيرىدى، جەننەتكە كېرىشنى مەقسەت قىلغان كىشى مۇشۇ ئىشلاردىن ئۆتۈپ كېتىشى كېرەك. ئاندىن ئاللاھ تائالا جەننەت ئەتراپىنى ئىنسانغا قىيىن بولغان ۋە كۆڭلى تارتمايدىغان ئىشلار بىلەن ئورىۋەتكەندىن كېيىن: ئى جىبرائىل! بېرىپ جەننەتكە قاراپ باققىن دېدى. جىبرائىل ئەلەيھىسسالام بېرىپ جەننەتكە قاراپ بىقىپ قايتىپ كېلىپ: ئى رەببىم ! سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، جەننەتكە كېتىدىغان يوللاردىكى قىيىنچىلىق ۋە جاپا-مۇشەققەتلەر سەۋەبىدىن ھېچ بىر كىشىنى جەننەتكە كېرەلمەي قالامدىكىن دىپ ئەنسىرەيمەن دېدى. ئاللاھ تائالا دوزاخنى پەيدا قىلغان ۋاقىتتا جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى : سەن دوزاخقا بېرىپ قاراپ باققىن دېدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام دوزاخقا بېرىپ ئۇنىڭغا قارىدى. ئاندىن جىبرائىل ئەلەيھىسسالام قايتىپ كېلىپ: ئى رەببىم! سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، دوزاختىكى ئازاب-ئوقۇبەت، دەرت-ئەلەملەرنى ئاڭلىغان ھەرقانداق كىشى ئۇنىڭغا كىرىشنى خالىمايدۇ ۋە ئۇنىڭغا كېرىشگە سەۋەپ بولىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولىدۇ دېدى. ئاندىن ئاللاھ تائالا دوزاخنىڭ ئەتراپىنى ئىنساننىڭ كوڭلى مايىل بولىدىغان سەۋەپلەر بىلەن ئورىدى، نەپسى شەھۋەتلىرى ئىختىيار قىلىدىغان ئىشلارنى ئۇنىڭغا يېتىدىغان يول قىلدى، ئاندىن : ئى جىبرائىل! دوزاخقا بېرىپ قاراپ باققىن دېدى. جىبرائىل ئەلەيھىسسالام دوزاخقا بېرىپ قاراپ، قايتىپ كېلىپ: ئى رەببىم! سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، دوزاخ ئەتراپىدىكى ئىنساننىڭ كۆڭلى تارتىدىغان نەپسى مايىل بولىدىغان لەززەتلەر سەۋەبىدىن ھېچ بىر كىشىنى دوزاختىن قۇرتىلالمامدىكىن دەپ ئەنسىرەپ قورقۇۋاتىمەن دېدى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ ھازىر مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش.
  2. غەيىبكە، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى خەۋەر بەرگەن ھەرقانداق ئىشقا ئىشىنىش ۋاجىپ بولىدۇ.
  3. كۆڭلى خالىمايدىغان قىيىنچىلىقلارغا سەۋېر قىلىش كېرەك چۈنكى ئۇ جەننەتكە يەتكۈزىدىغان يولدۇر.
  4. چەكلەنگەن، ھارام ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى، چۈنكى ئۇ دوزاخقا يەتكۈزىدىغان ئىشلاردۇر.
  5. جەننەتنى ئىنساننىڭ كۆڭلى تارتمايدىغان قىيىنچىلىقلار بىلەن ئورىدى، دوزاخنى كۆڭلى مايىل بولىدىغان لەززەتلەر بىلەن ئورىدى، ئۇ دۇنيا ھاياتىدىكى ئىمتىھان ۋە سىناقنىڭ تەقەززاسىدۇر.
  6. جەننەتكە يېتىدىغان يوللار قىيىن ۋە مۇشەققەتلىك بولۇپ، ئىمان بىلەن جاپا-مۇشەققەتلەرگە سەبرى قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. دوزاخقا يېتىدىغان يوللار دۇنيادا ئىنساننىڭ كۆڭلى تارتىدىغان لەززەت ۋە شەھۋەتلەر بىلەن تولغاندۇر.
تېخىمۇ كۆپ