عن أبي هريرة رضي الله عنه أن رسول الله صلى الله عليه وسلم قال: «حُجِبت النار بالشهوات، وحُجبت الجنة بالمَكَاره»متفق عليه وهذا لفظ البخاري. وفي رواية لهما: «حُفَّت» بدل «حُجِبت».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «دوزاخ كۆڭۈل تارتىدىغان نەرسىلەر بىلەن پەردىلەنگەن، جەننەت ياقتۇرۇلمايدىغان نەرسىلەر بىلەن پەردىلەنگەن» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى، مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: "پەردىلەنگەن" دېگەن سۆزنىڭ ئورنىدا "قورشالغان" دەپ كەلگەن
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئىنساننى جەننەتكە يەتكۈزىدىغان يوللار كىشى ياقتۇرمايدىغان نەرسىلەر بىلەن قورشالغان، چۈنكى ئىنساننىڭ نەپسى راھەتكە مايىل بولىدۇ. ئاللاھنىڭ تائىتىدىن يىراق بولۇپ، ھارام ئىشلارنى قىلىپ، ئۆزى بىلەن دوزاخ ئارىسىدىكى پەردىنى يىرتىۋەتكەن كىشى دوزاخقا كېرىدۇ، پەردىنى يىرتىۋەتكەن كىشى پەردىلەنگەن نەرسىگە يېتىدۇ، ياقتۇرمايدىغان قېيىن ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق جەننەتنىڭ پەردىسىنى يىرتىۋەتكەن كىشى جەننەتكە كېرىدۇ، نەپسى شەھۋەتلىرىگە ئەگىشىپ دوزاخنىڭ پەردىسىنى يىرتىۋەتكەن كىشى دوزاخقا كېرىدۇ، ياقتۇرۇلمايدىغان ئىشلار: ئىبادەتلەرگە تىرىشچانلىق قىلىش، ۋاقتىدا ئادا قىلىش، ئۇنىڭ قېيىنچىلىقلىرىغا سەۋر قىلىش، ئاچچىقنى يۇتۇش، ئەپۇ قىلىش، كەڭ قورساق بولۇش، سەمىمى بولۇش، يامانلىق قىلغان كىشىگە ياخشىلىق قىلىش، نەپسى شەھۋەتلىرىگە سەبىر قىلىش قاتارلىقلار. ئىنسان نەپسى بەزى ۋاقىتتا ناماز ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتەلمەي، دۇنيا ئىشلىرىدىن نەپسى شەھۋىتىنى ئۈزەلمەي نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشنى ياقتۇرمايدۇ، بەزىدە جىھاد قىلىشنى ياقتۇرمايدۇ، بەزىدە مال-دۇنيا سەدىقە قىلىشنى ياقتۇرمايدۇ، چۈنكى ئىنساننىڭ نەپسى مال-دۇنيانى بەك ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن تائەت-ئىبادەتلەرنى ياقتۇرمايدۇ، ئىنسان ئۆزىنىڭ شەھۋىتىنى سۇندۇرۇپ، نەپسى خاھىشىغا قارشى تۇرسا، بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىپ چەكلىمىلەردىن يېراق بولسا، ئاشۇ ئۇ كىشىنىڭ دوزاختىن يېراق بولۇپ، جەننەتكە كىرىشىگە سەۋەپ بولىدۇ. دوزاخ پەردىلەنگەن كۆڭۈل تارتىدىغان نەرسىلەر بولسا ھاراق، زىنا، يات ئاياللارغا نەزەر سىلىش، غەيۋەت قىلىش، چالغۇ ئەسۋابلارنى ئىشلىتىش قاتارلىق ھارام قىلىنغان ئىشلاردۇر، ئەمما رۇخسەت قىلىنغان كۆڭۈل تارتىدىغان نەرسىلەر بۇنىڭ قاتارىغا كىرمەيدۇ، لېكىن ئۇنى توغرا دەپ كۆپ قېلىش ياخشى ئەمەس، چۈنكى ئۇ چەكلەنگەن كۆڭۈل تارتىدىغان نەرسىلەرگە ئىلىپ بارىدۇ، ياكى قەلبنى قاتتىقلاشتۇرىدۇ ياكى تائەت-ئىبادەتتىن يىراقلاشتۇرىدۇ، ياكى شۇ ئارقىلىق دۇنياغا ئېرىشىشكە كۆڭۈل بۆلۈشكە بۇرىۋىتىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ