عن حكيم بن حِزَام رضي الله عنه قال: سألت رسول الله صلى الله عليه وسلم فأعطاني، ثم سَألته فأعطاني، ثم سألته فأعطاني، ثم قال: «يا حكيمُ، إن هذا المال خَضِرٌ حُلْوٌ، فمن أخذه بِسَخاوَة نفس بُورِك له فيه، ومن أخذه بإشراف نفس لم يُبَارَك له فيه، وكان كالذي يأكل ولا يَشَبَع، واليدُ العُليا خيرٌ من اليد السُفلى» قال حكيم: فقلت: يا رسول الله، والذي بعثك بالحق لا أرْزَأُ أحدًا بَعدك شيئاً حتى أفارق الدنيا، فكان أبو بكر رضي الله عنه يَدعو حكيماً ليُعطيه العَطَاءَ، فيأبى أن يقبل منه شيئاً، ثم إن عمر رضي الله عنه دعاه ليُعطيه فأبى أن يَقبله. فقال: يا معشر المسلمين، أُشهدكم على حكيم أني أعْرِض عليه حقه الذي قَسَمَه الله له في هذا الفَيْء فيَأبى أن يأخذه. فلم يَرْزَأْ حكيم أحدًا من الناس بعد النبي صلى الله عليه وسلم حتى تُوفي.
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ھەكىم ئىبنى ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بىر نەرسە سورىۋىدىم ئۇ يەنە بەردى، يەنە سورىۋىدىم يەنە بەردى، يەنە سورىۋىدىم يەنە بەردى، ئاندىن ئۇ: «ئى ھەكىم! جەزمەن مال-دۇنيا چىرايلىق ۋە شېرىندۇر، كىمكى ئۆز نەپسىنىڭ قانائىتى بىلەن ئالسا، ئۇ بەرىكەت قىلىدۇ، كىمكى تاما بىلەن ئالسا يەپ تۇرۇپمۇ تويمىغان ئادەمگە ئوخشايدۇ، ئۇ بەرىكەت قىلمايدۇ. ئۈستۈن قول (بەرگەن قول) تۆۋەن قولدىن (ئالغان قولدىن) ياخشىدۇر» دېدى. ھەكىم: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سېنى ھەق بىلەن ئەۋەتكەن زات ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەندىن كېيىن ھەتتا دۇنيادىن كەتكۈچىلىك ھېچكىمدىن بىر نەرسە سورىمايمەن، دېدىم. ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىپىلىكتە ئولتۇرغاندا ھەكىمنى بىر نەرسە بېرىش ئۈچۈن چاقىرغان ئىدى، ھەكىم ئۇنىڭدىن بىر نەرسە قوبۇل قىلىشقا ئۇنىمىدى. ئاندىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىپىلىكتە ئولتۇرغاندا ئۆمەر ھەكىمگە بىر نەرسە بېرىش ئۈچۈن چاقىرغان ئىدى، ئۇ قوبۇل قىلىشقا ئۇنىمىدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئى مۇسۇلمانلار جامائەسى! سىلەرنى گۇۋاھلىققا تارتىمەن، ھەكىمگە مۇشۇ غەنىمەتتىن ئاللاھ ئۇنىڭغا تەقسىم قىلىپ بەرگەن ھەققىنى بەرسەم ئۇ ئېلىشقا ئۇنىمىدى، دېدى. ھەكىم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ۋاپات بولغانغا قەدەر ھېچكىمدىن بىر نەرسە سورىمىدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: ھەكىم ئىبنى ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن مال سورايدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا بېرىدۇ، ئۇ يەنە سورايدۇ، ئۇنىڭغا يەنە بېرىدۇ، ئۇ يەنە سورايدۇ، ئۇنىڭغا يەنە بېرىدۇ ئاندىن ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: «ئى ھەكىم! ھەقىقەتەن مال-دۇنيا چىرايلىق ۋە شېرىندۇر» يەنى ئىنسان يېڭى پىشقان، شەكلى چىرايلىق، تەمى تاتلىق مېۋىنى ياخشى كۆرگەندەك، ئىنسان تەبىئىتىمۇ مال-دۇنيانى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا رىغبەتلىنىدۇ، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «كىمكى مالنى ئۆز نەپسىنىڭ ساخاۋىتى بىلەن ئالسا، تاما قىلمىسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن مالدا بەرىكەت بولىدۇ، گەرچە ئاز بولسىمۇ كۆپىيىدۇ ۋە زىيادە بولىدۇ، مال ساھىبىگە قانائەتچانلىق، كۆڭلى توقلۇق ۋە كۆڭۈل خاتىرجەملىكى ئاتا قېلىنىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن بەختلىك ياشايدۇ. كىمكى مالنى ئاچ كۆزلۈك ۋە تەمەخورلۇق بىلەن ئالىدىكەن، ئۇنىڭدا بەرىكەت بولمايدۇ، ئاللاھ ئۇ مالدىن بەرىكەتنى تارتىۋېتىدۇ، مال ساھىبىدىن قانائەتنى كۆڭۈل بايلىقىنى تارتىۋېتىدۇ، گەرچە ئۇ كىشىگە زېمىننىڭ خەزىنىلىرى بېرىلسىمۇ ئۇ كىشىنىڭ نەپسى تويمايدۇ. ئومۇمى مەزمۇن جەھەتتە مۇشۇ ھەدىسكە ئوخشاش ھەدىس مۇسلىمدا رىۋايەت قىلىنغان: «ھەقىقەتەن مەن ساقلىغۇچى، كىمكە بۇ مال كۆڭۈل توقلۇقى بىلەن بېرىلسە، ئۇ مالدا ئۇ كىشىگە بەرىكەت بولىدۇ، كىمگە بۇ مال تاما قىلىش ۋە سوراش بىلەن بېرىلسە بۇ كىشى يەپتۇرۇپ تويمىغان كىشىگە ئوخشاشتۇر»يەنى ھەرقانچە يېسىمۇ تويمايدۇ. مالغا تەلمۈرۈپ ئالغان كىشىنىڭ ئەھۋالى بۇنداق بولسا، سوراپ تۇرۇپ ئالغان كىشىنىڭ ھالى قانداق بولا؟. بۇ بەك يىراق، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «ئەگەر بۇ مال ساڭا سەن قارىماستىن ۋە سورىماستىن كەلسە ئۇنى قوبۇل قىلغىن، ئەمما تەلمۈرۈش ۋە سوراش بىلەن كەلسە كۆڭلۈڭنى ئۇنىڭغا ئەگەشتۈرمە» دېگەن، يەنى مال ساڭا سەن ئۇنىڭغا كۆڭۈل بېرىپ، تەلمۈرۈپ، قىزىقىپ ۋە سوراش ئارقىلىق كەلسە ئۇنى ئالما، «ئۈستۈن قول تۆۋەن قولدىن ياخشىدۇر» يەنى ئىپپەتلىك بولغان قول سورىغان قولدىن ياخشىدۇر، چۈنكى ئۇ ئالى بولدى، ئۆز نەپسىنى سوراشنىڭ خارلىقىدىن ئۈستۈن قىلدى. ئۇنىڭ ئەكسىچە، يەنە بىر قول ئۆز نەپسىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى، ئىززەت-ھۆرمىتىنى چۈشۈردى، ئۆز نەپسىنى خارلىققا ئىتتىردى. ھەكىم ئىبنى ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ھەق بىلەن ئەۋەتكەن زات بىلەن قەسەم قىلىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ھېچ بىر كىشىدىن بىرنەرسە سورىماسلىق توغرىسىدا : «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سېنى ھەق بىلەن ئەۋەتكەن زات ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەندىن كېيىن ھەتتا دۇنيادىن كەتكۈچىلىك ھېچكىمدىن بىر نەرسە سورىمايمەن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولدى، ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خىلاپەتكە ئىگە بولغاندا، ھەكىمنى بىر نەرسە بېرىش ئۈچۈن چاقىرغان ئىدى، ھەكىم ئۇنىڭدىن بىر نەرسە قوبۇل قىلىشقا ئۇنىمىدى، ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپات بولۇپ، ئاندىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىپىلىكتە ئولتۇرغاندا ئۆمەر ھەكىمگە بىر نەرسە بېرىش ئۈچۈن چاقىرغان ئىدى. ئۇ قوبۇل قىلىشقا ئۇنىمىدى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كىشىلەرنى گۇۋاھلىققا چاقىرىپ: ئى مۇسۇلمانلار جامائەسى! سىلەرنى گۇۋاھلىققا تارتىمەن، ھەكىمگە مۇشۇ غەنىمەتتىن ئاللاھ ئۇنىڭغا تەقسىم قىلىپ بەرگەن ھەققىنى بەرسەم ئۇ ئېلىشقا ئۇنىمىدى، دېدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ زىيىنىغا ھۆججەت بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن شۇنداق قىلىپ، كىشىلەر ئالدىدا ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى، لېكىن شۇنداق بولسىمۇ ھەكىم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ۋاپات بولغانغا قەدەر ھېچكىمدىن بىر نەرسە سورىمىدى ۋە بەرسىمۇ ئالمىدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە تامىلچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ