عن خولة الأنصارية رضي الله عنها قالت: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «إن رجالاً يَتَخَوَّضُون في مال الله بغير حق، فلهم النار يوم القيامة».
[صحيح] - [رواه البخاري]
المزيــد ...
خەۋلە ئەنسارىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالانىڭ مېلىنى ئورۇنسىز سەرىپ قىلىدىغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارغا قىيامەت كۈنى دوزاخ ئوتى بار
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر تۈركۈم كىشىلەر ھەققىدە خەۋەر بىرىپ، ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ مال-مۈلىكىنى ئورۇنسىز سەرىپ قىلىدىغان ۋە ناھەق يەۋالىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەرگەن. بۇنىڭ ئىچىگە يىتىملارنىڭ مال-مۈلىكىنى يېۋېلىش، ۋەقپىدىن ھەقلىق بولمىغان كىشىلەر پايدىلىنىش، ئامانەتكە تېنىۋېلىش، خەلىق ئاممىسىنىڭ پۇل-ماللىرىدىن ناھەق ۋە رۇخسەتسىز ئېلىش قاتارلىقلار كىرىپ كېتىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى جازاسى دوزاخ بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەرگەن