عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رضي الله عنه عَنِ النَّبِيِّ صلى الله عليه وسلم قَالَ:
«إِيَّاكُمْ وَالظَّنَّ؛ فَإِنَّ الظَّنَّ أَكْذَبُ الْحَدِيثِ، وَلَا تَحَسَّسُوا، وَلَا تَجَسَّسُوا، وَلَا تَحَاسَدُوا، وَلَا تَدَابَرُوا، وَلَا تَبَاغَضُوا، وَكُونُوا عِبَادَ اللهِ إِخْوَانًا».

[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«گۇماندىن ساقلىنىڭلار، ھەقىقەتەن گۇمان: سۆزنى يالغانغا چېقىرىدۇ، كىشىلەرنىڭ مەخپى ئىشلىرىنى تىڭلىماڭلار، جاسۇسلۇق قىلماڭلار، ئۆزئارا ھەسەت قىلىشماڭلار، بىر-بىرىڭلارغا تەتۈر قاراشماڭلار، بىر-بىرىڭلارنى ئۆچ كۆرۈشمەڭلار، ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! دىنى قېرىنداشلاردىن بولۇڭلار».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بۆلگۈنچىلىك ۋە ئاداۋەتكە ئېلىپ بارىدىغان بەزى ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرىدۇ ۋە توسىدۇ. شۇ ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىن:
گۇمان: بۇ دەلىل-ئىسپاتسىز دىلغا چۈشىدىغان تۆھمەت بولۇپ، ئىنساننىڭ سۆزلىگەن راست سۆزىنىمۇ يالغانغا چىقىرىدۇ.
تىڭتىڭلاش دېگەن: كۆزى بىلەن ياكى قۇلىقى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئەۋرەتلىرى ۋە ئۇياتلىق ئورۇنلىرىنى كۈزىتىش دېمەكتۇر.
جاسۇسلۇق قىلىش : يوشۇرۇن-مەخپى ئىشلارنى تەكشۈرۈش، جاسۇسلۇق دېگەن سۆز كۆپىنچە يامان ئىشلارغا قارىتىلىدۇ.
ھەسەت دېگەن: باشقىلارنىڭ نېمەتكە ئېرىشىشىنى ياقتۇرماسلىقتىن ئىبارەتتۇر.
تەتۈر قاراش : بىر-بىرىدىن يۈز ئۆرۈش، ئۆز-ئارا سالام قىلىشماسلىق، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنى زىيارەت قىلماسلىق قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر.
ئۆچ كۆرۈش دېگەن: باشقىلارغا ئەزىيەت بېرىش، چېرايىنى تۈرۇپ تۇرۇش، كۆرۈشكەندە ئوچۇق چىراي ئاچماسلىق قاتارلىقلار.
ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ بەزىسىنىڭ بەزىسى بىلەن بولغان ئەھۋالىنى ياخشىلايدىغان ۋە ئىسلاھ قىلىدىغان لەپزى قىسقا مەنىلىك بىر سۆزنى دېدى ئۇ بولسىمۇ:«ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! دىنى قېرىنداشلاردىن بولۇڭلار». دىنى قېرىنداشلىق ئالاقىسى بىلەن كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت باغلىنىدۇ، ئۆزئارا مېھرى-مۇھەببەت زىيادە بولىدۇ، ئارىدا ئۇلپەت بولىدۇ.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. يامانلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن كىشىدىن يامان گۇمان قىلىشنىڭ زېيىنى بولمايدۇ، مۇسۇلمان كىشى ئەقىللىق، زېرەك بولىشى، ناچار، پاسىق كىشىلەر تەرىپىدىن ئالدىنىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
  2. ئىنساننىڭ كۆڭلىگە چۈشۈپ قالىدىغان ۋە داۋاملاشقان تۆھمەتتىن ئاگاھلاندۇرۇشتىن بولغان مەقسەت: ئۇنى كۆڭلىگە كەلتۈرمەسلىك ۋە دىلىدا ئورۇنلاشتۇرماسلىق ئۈچۈن بولۇپ ئىنسان بۇنىڭغا تەكلىپ قىلىنمايدۇ.
  3. جاسۇسلۇق قىلىش ۋە ھەسەتخورلۇق قىلىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن مۇسۇلمان جەمئىيتىدىكى كىشىلەر ئارىسىدا ئۆچمەنلىك ۋە بۆلگۈنچىلىك سەۋەپلىرىنى پەيدا قىلىش ھارامدۇر.
  4. مۇسۇلمان كىشى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىغا مۇئامىلە قىلغاندا ئۇنىڭغا چىن دوستلۇق ۋە سەمىيمىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.
تېخىمۇ كۆپ