عن مَعقِلِ بن يَسار المُزَنِيّ رضي الله عنه قال: إني سمعت رسول الله صلى الله عليه وسلم يقول:
«مَا مِنْ عَبْدٍ يَسْتَرْعِيهِ اللهُ رَعِيَّةً، يَمُوتُ يَوْمَ يَمُوتُ وَهُوَ غَاشٌّ لِرَعِيَّتِهِ، إِلَّا حَرَّمَ اللهُ عَلَيْهِ الْجَنَّةَ».

[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

مەئ‍قىل بىن يەسار مۇزەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ:
«ئاللاھ تائالا بىر كىشىنى ئىنسانلارنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلىپ قويسا، ئۇ كىشى ئۆلگەندە، ئۆزى ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان كىشىلەرگە ساختىپەزلىك قىلىپ ئۆلگەن بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە جەننەتنى ھارام قىلىدۇ».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق خەۋەر بېرىدۇكى، ھەر قانداق بىر كىشىنى ئاللاھ تائالا كىشىلەرگە مەسئۇل قىلسا، مەيلى دۆلەت باشلىقى ياكى باشقا ئەمەلدارلاردىن بولسۇن ياكى ئائىلە باشلىقى ۋە باشقا ئىشلارغا مەسئۇل بولسۇن، ئۆزى ئىشلىرىغا ئىگە بولغان كىشىلەرنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلمايدىكەن، ئۇلارغا توغرا يول كۆرسەتمەي، ساختىپەزلىك قىلىدىكەن، ئۇلارنىڭ دىن ۋە دۇنيالىق ھەق-ھوقۇقلىرىنى زايە قىلىۋېتىدىكەن، بۇنداق كىشىلەر قىيامەتتە دەرتلىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئاللاھ تائالانىڭ ھېساپ ئېلىش ۋە ئازابلاش توغرىسىدىكى ۋەدىسى پەقەت باش رەھبەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مەسئۇللارغىلا خاس بولماستىن بەلكى ئاللاھ تائالا ھەر قانداق بىر ئىشقا ئىگە قىلغان ھەممە كىشىگە ئومۇم بولىدۇ.
  2. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىدىن بىرەر ئىشقا ئىگە بولغان كىشى، ئۇلارغا توغرا يول كۆرسۈتۈش، ئامانەتنى تولۇق ئادا قىلىشقا تېرىشچانلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا خىيانەت قىلىشتىن ھەزەر قېلىش كېرەك.
  3. مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمى ياكى خۇسۇسى، چوڭ ياكى كېچىك ھەر قانداق ئىشلىرىغا ئىگە بولغان كىشىنىڭ مەسئۇلىيتى بۈيۈكتۇر.