عن عبادة بن الصامت رضي الله عنه قال: بَايَعْنَا رسول الله صلى الله عليه وسلم على السَّمع والطَّاعَة في العُسْر واليُسْر، والمَنْشَطِ والمَكْرَه، وعلَى أَثَرَةٍ عَلَينا، وعلى أَن لاَ نُنَازِعَ الأَمْر أَهْلَه إِلاَّ أَن تَرَوْا كُفْراً بَوَاحاً عِندَكُم مِن الله تَعَالى فِيه بُرهَان، وعلى أن نقول بالحقِّ أينَما كُنَّا، لا نخافُ فِي الله لَوْمَةَ لاَئِمٍ.
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، مەيلى قىيىنچىلىق ياكى كەڭرىچىلىك بولغان، مەيلى بىز قىزىققان ياكى خوش ياقمىغان زامانلاردا، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش ۋە ئىتائەت قىلىشقا، ئەمىرلەر ھەتتا ئۆزلىرىگە بەزى مال- مۈلۈكنى ئايرىم قىلىۋالسىمۇ ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشقا، ۋە ھەر ئىشنى ئۆز ئەھلىگە قويۇپ، ئۇلاردىن كۇفرىلىق سادىر بولغىنىنى كۆرگەندىمۇ، بۇنىڭغا ئاللاھ تائالادىن كەلگەن دەلىل بولمىغىچە، ئۇنى تالاشماسلىققا، مەيلى قەيەردە بولايلى ھەقنى سۆزلەشكە، ۋە ئاللاھ يولىدا ھېچقانداق مالامەتتىن قورقماسلىققا بەيئەت بەردۇق
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

بەيئەت بەردۇق، يەنى ساھابە كىراملار (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت بەردى، چۈنكى پەيغەمبەرلىك زامانىدا ئاللاھ تائالا پۈتۈن ئىشلارغا ئۇنى مەسئۇل قىلغان ئىدى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار» (سۈرە نىسا 59- ئايەتنىڭ بىر قىسمى). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ئىش ئۈستىدىكىلەر ئىككى خىل بولىدۇ: ئۆلىمالار ۋە ئەمىرلەر. لېكىن ئۆلىمالار ئىلىم - مەرىپەت ۋە بايان قىلىشتا ئىش ئىگىلىرىدۇر، ئەمما ئەمىرلەر ئىجرا قىلىش ۋە باشقۇرۇشتا ئىش ئىگىلىرىدۇر. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھنىڭ گېپىنى ئاڭلاش ۋە ئىتائەت قىلىشقا بەيئەت بەردۇق. ئۇنىڭ: «مەيلى قىيىنچىلىق ياكى قولايلىق ھالەتتە بولسۇن» دېگىنى: مەيلى خەلق مال- مۈلۈكتە قىيىنچىلىقتا ياكى كەڭرىچىلىكتە بولغان بولسۇن، باي - نامرات پۈتكۈل پۇقرالار ئىش ئۈستىدىكىلەرگە بويسۇنۇشى ۋە مەيلى قىزىققان ياكى خوش ياقمىغان چاغلاردا بولسۇن، ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىشى ۋاجىپتۇر. يەنى مەيلى بۇ پۇقرالار ئۆزلىرى خالىمايدىغان بىر ئىشقا بۇيرۇغانلىقى ئۈچۈن ياقتۇرمىغان بولسۇن، ياكى ئۇ ئۇلار ياقتۇرىدىغان، ماس كىلىدىغان ئىش بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار قىزىققان ئىش بولسۇن، ئىتائەت قىلىش ۋاجىپتۇر. «ئەمىرلەر ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتسىمۇ، يەنى ئىش ئۈستىدىكىلەر ئاللاھ تائالا ئىگە قىلغان ئومۇمنىڭ مال- مۈلكى ياكى شۇنىڭدەك نەرسىلەر بىلەن ئۆزلىرىنى باياشاتلاندۇرۇپ، پۇقرالارنى مەھرۇم قويغان ھالدىمۇ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئىتائەت قىلىش ۋاجىپتۇر. «ئىشنى ئۆز ئەھلىدىن تالاشماسلىققا» يەنى، ئاللاھ تائالا بىزگە باش قىلىپ قويغان ئىش ئۈستىدىكىلەردىن ئەمىرلىكنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن تالاشماسلىقىمىزغا، چۈنكى بۇنداق تالىشىش كۆپلىگەن يامانلىققا ۋە ئېغىر پىتنىلەرگە ئېلىپ بارىدۇ. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىدىن تا ھازىرغىچە، مۇسۇلمانلارنى چېچىۋەتكەن، ئىسلام ئۈممىتىنى خانىۋەيران قىلغان ئىش، پەقەت مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى ئۆز ئەھلىدىن تالىشىشتۇر. «ئۇلاردىن ئاللاھ تائالادىن دەلىل كەلگەن ئېنىق كۇپرىنى كۆرگۈچە» مانا بۇنىڭ تۆت شەرتى باردۇر، ئەگەر بۇ تۆت شەرتنىڭ ئۇلاردا تىپىلغىنىنى كۆرسەك، شۇ چاغدا ئىشلارنى ئەھلىدىن تالىشىپ ۋە ئۇلارنى ئۇ ماقامدىن چۈشۈرۈۋېتىشكە ئۇرىنىمىز. ئۇ تۆت شەرتنىڭ بىرىنچىسى: سىلەرنىڭ كۆرۈشۈڭلار، يەنى كۇفرىلىقنى ھەقىقى بىلىش كېرەك. ئەمما پەقەت گۇمان بىلەن ئەمىرلەرگە قارشى چىقىشقا بولمايدۇ. ئىككىنچىسى: ئۇلاردىكى كۇفرىلىقنى بىلىشىمىز، پاسىقلىقنى ئەمەس، ئەمما ئۇلاردىن قانچىلىك پاسىقلىق يۈز بەرسە، ئۇلارغا قارشى چىقىشقا بولمايدۇ. گەرچە ھاراق ئىچسىمۇ، ياكى زىنا قىلسىمۇ، ياكى زۇلۇم قىلسىمۇ، ئۇلارغا قارشى چىقىشقا بولمايدۇ. ئەمما ئەگەر ئوپ - ئوچۇق كۇفرىلىق سادىر قىلغانلىقىنى كۆرسەك ئاندىن بولىدۇ. ئۈچىنچىسى: ئوپ - ئۇچۇق كۇفرىلىق، بۇ دېگەنلىك ئاشكارا كۇفرىلىق دېگەنلىكتۇر. (بەۋاھ) دېگەن، ئۇچۇق-ئاشكارا نەرسىدۇر. ئەمما تەۋىل قىلىش (باشقىچە چۈشىنىش) ئېھتىمالى بولغان ئىشلار بىلەن ئۇلارغا قارشى چىقىش جايىز بولمايدۇ. يەنى مەسىلەن: بىز ئۇلارنىڭ ئۆزىمىز كۇفرىلىق دەپ بىلىدىغان بىر ئىشنى قىلغانلىقىنى تەخمىن قىلساق، ئەمما ئۇ ئىشنىڭ كۇفرىلىق ئەمەسلىكى ئېھتىمالى بولسا، ئۇلاردىن ھوقۇق تالىشىشىمىز ياكى ئۇلارغا قارشى چىقىشىمىز توغرا بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشىنى ئۆزىگە قويىمىز. لېكىن ئەگەر ئوپ - ئۇچۇق كۇفرىلىق بولۇپ قالسا، مەسىلەن: خەلققە زىنانى ياكى ھاراقنى يولغا قويۇپ بەرگەندەك، بۇ چاغدا بولىدۇ. تۆتىنچىسى: بۇنىڭغا ئاللاھ تائالادىن كەلگەن دەلىل بولىشى، يەنى بىزدە ئۇنىڭ كۇفرىلىق ئىكەنلىكىگە كەسكىن دەلىلىمىز بولىشى كېرەك. ئەگەر ئۇ دەلىل كېلىش يولىدا ياكى شۇ ھۆكۈمگە دالالەت قىلىشىدا ئاجىز بولۇپ قالسا، ئۇلارغا قارشى چىقىشقا بولمايدۇ. چۈنكى بۇنداق قارشى چىقىشتا نۇرغۇنلىغان يامانلىق ۋە بەك كاتتا بۇزغۇنچىلىق بولىدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى شەرتلەرنىڭ ھازىر بولغىنىنى كۆرسەك، بۇ ھالەتتىمۇ ئۇنى چۈشۈرۈۋېتىشىمىزگە كۈچ - قۇۋۋىتىمىز بولمىسا، يەنى خەلقنىڭ قولىدا كۈچ بولمىسا جايىز بولمايدۇ. چۈنكى ئەگەر خەلقنىڭ كۈچى يوق تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن تالاش - تارتىشسا، ئۇ، خەلق ئىچىدىكى سالىھ كىشىلەرنى يوقىتىدۇ. ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى تېخىمۇ ئومۇملىشىدۇ. بۇ شەرتلەر ئەمىرگە قارشى چىقىشنىڭ رۇخسەتلىكىنىڭ ياكى ئەھۋالغا قاراپ ۋاجىپلىقىنىڭ شەرتلىرىدۇر. لېكىن ئۇنىڭغا لايىق كۈچ - قۇۋۋەتنىڭ تېپىلىش شەرتى بىلەن بولىدۇ. ئەگەر كۈچ بولمىسا قارشى چىقىش جايىز ئەمەستۇر، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئۆزىنى ھالاكەتكە تاشلىغانلىق بولۇپ، قارشى چىقىشنىڭ پايدىسى بولمايدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش