عن عبد الله بن عمر رضي الله عنهما قال: «صَلَّيتُ معَ رسول الله -صلَّى الله عليه وسلم- رَكعَتَين قَبل الظُّهر، وَرَكعَتَين بَعدَها، ورَكعَتَين بعد الجُمُعَةِ، ورَكعَتَينِ بَعدَ المَغرِب، وَرَكعَتَينِ بَعدَ العِشَاء». وفي لفظ: «فأمَّا المغربُ والعشاءُ والجُمُعَةُ: ففي بَيتِه». وفي لفظ: أنَّ ابنَ عُمَر قال: حدَّثَتنِي حَفصَة: أنَّ النبِيَّ -صلَّى الله عليه وسلم-: «كان يُصَلِّي سَجدَتَين خَفِيفَتَينِ بَعدَمَا يَطلُعُ الفَجر، وكانت سَاعَة لاَ أَدخُلُ على النبيَّ -صلَّى الله عليه وسلم- فِيهَا».
[صحيح] - [متفق عليه بجميع رواياته]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن، پىشىن نامىزىنىڭ ئالدىدا ئىككى رەكئەت، ئارقىدا ئىككى رەكئەت، جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئىككى رەكئەت، شام نامىزىدىن كېيىن ئىككى رەكئەت ۋە خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇدۇم. يەنە بىر رىۋايەتتە: ئەمما شام، خۇپتەن، ۋە جۈمە نامازلىرىنىڭ سۈننەتلىرىنى بولسا ئۆيىدە ئوقۇيتتى. يەنە بىر رىۋايەتتە: ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ھەفسە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ماڭا ئېيتىپ بەردى: ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، تاڭ ئاتقاندىن كېيىن ئىككى رەكئەت يەڭگىل ناماز ئوقۇيتتى. ئىبنى ئۆمەر دەيدىكى: ئۇ ۋاقىت مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كىرمەيدىغان ۋاقتلاردىن ئىدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنىڭ جىمى رىۋايىتى بۇخارى ۋە مۇسلىم تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە بەش نامازنىڭ تەكىتلەنگەن سۈننەتلىرى توغرىسىدا بايان باردۇر. ئۇلار: پىشىن نامىزىنىڭ تۆت رەكئىتى؛ ئىككىسى ئالدىدا، ئىككىسى ئارقىدا، جۈمە نامىزىنىڭ ئارقىسىدىن ئىككى رەكئەت، شام نامىزىنىڭ ئارقىسىدىن ئىككى رەكئەت، خۇپتەن نامىزىنىڭ ئارقىسىدىن ئىككى رەكئەت، بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەت نامىزى قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. بامدات ۋە جۈمە نامازلىرىنىڭ سۈننەتلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيىدە ئوقۇيتتى. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسى بار ئىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ئاچىسى، مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ھەفسە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۆيىگە ئىبادەت ۋاقىتلىرىدىمۇ كىرىپ تۇراتتى. لېكىن ئەدەپلىك بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە (ۋە ھەر ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭكىدىن باشقا ھەرقانداق ئۆيگە) كىرىلمەيدىغان بەزى ۋاقىتلاردا كىرمەيتتى. ئاللاھ تائالانىڭ: «ئى مۆمىنلەر! سىلەرنىڭ قۇللىرىڭلار، چۆرىلىرىڭلار ۋە ئىچىڭلاردىكى بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلار ناماز بامداتتىن بۇرۇن، چۈشتە (ئۇخلاش ئۈچۈن) كىيىمىڭلارنى سالغان چېغىڭلاردا ۋە خۇپتەندىن كېيىن (مۇشۇنداق) ئۈچ ۋاقىتتا (يېنىڭلارغا كىرسە) سىلەردىن ئىجازەت سورىسۇن...» (نۇر سۈرىسى 58- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دېگەن ئايەتنىڭ تەقاززاسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلاتتى. شۇڭا بامدات نامىزىدىن ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قانداق ناماز ئوقۇيدىغانلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈنمۇ كىرمەيتتى. ئەمما ئۇنى بىلىشكە قاتتىق ھېرىسمەن بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ھەقتە ئاچىسى ھەفسىدىن سورىغاندا، ئۇ ئانىمىز: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، تاڭ ئاتقاندىن كېيىن ئىككى رەكئەت يەڭگىل ناماز ئوقۇيتتى، ئۇ ئىككىسى بامداتنىڭ سۈننىتى ئىدى، دەپ جاۋاپ بەردى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە تامىلچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي السويدية الأمهرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
ئەسەرلەر
تېخىمۇ كۆپ