ھەدىسلەر تىزىملىكى

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياغ كەيگەندە، چاچ تاراپ مايلىغاندا، تاھارەت ئالغاندا ۋە بارلىق ئىشلىرىدا ئوڭدىن باشلاشنى ياخشى كۆرەتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئون رەكەت نەپلە نامازنى ئېسىمدە تۇتتۇم
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېچىلىك ئۇيقۇسىدىن تۇرغىنىدا مىسۋاك بىلەن ئاغزىنى چوتكىلايتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر سەپەردىكى خۇپتەن نامىزىدا، بىر رەكئەتتە «سۈرە تىن» نى ئوقۇدى، مەن ئۇنىڭدىنمۇ جاراڭلىق ۋە گۈزەل قىرائەت بىلەن ئوقۇغان بىرەرسىنى كۆرۈپ باقمىدىم
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناماز ئوقۇسا ئىككى قولىنى قولتۇقىنىڭ ئاقلىقى كۆرۈنگىدەك كېرەتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلاغلىق ياكى پىيادە قۇبا مەسچىتىنى زىيارەت قىلاتتى، ئۇ يەردە ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇيتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن جۇنۇپ ھالىتىمىزدە بىر قاچىدا يۇيىناتتىم، مەن ئادەت كۆرگەن ۋاقتىمدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى ئىشتان كىيىۋىلىشقا بۇيرۇپ قۇچاقلايتتى،
عربي الإنجليزية الأوردية
دەپنە قىلىنغاندىن كىيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەبرە بىشىغا كېلىپ تۆت تەكبىر بىلەن جىنازە نامىزىنى ئوقۇغان
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۈمە كۈنىدىكى بامدات نامىزىدا سۈرە سەجدە بىلەن سۈرە ئىنساننى ئوقۇيتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە سىلەرگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ناماز ئوقۇپ بەرگەندەك ناماز ئوقۇپ بېرىمەن
عربي الإنجليزية الأوردية
بىر كېچىسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ناماز ئوقۇغۇنۇمدا، ئۇ سۈرە بەقەرەنى باشلىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەزى ئايلاردا ھەتتا بىز ئۇ بۇ ئايدا روزا تۇتمايدىغان ئوخشايدۇ دەپ، ئويلاپ قالغۇدەك ھالدا روزىسىز يۈرەتتى، بەزى ئايلاردا شۇنداق روزا تۇتاتتىكى ھەتتا بىز ئۇنى بۇ ئاينى بىرەر كۈنمۇ روزا تۇتماي ئۆتكۈزمەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالاتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كېچىسى ناماز ئوقۇۋاتقان ھالەتتە كۆرەي دېسەڭ، ناماز ئوقۇۋاتقان ھالەتتە، ئۇخلىغان ھالەتتە كۆرەي دېسەڭ، ئۇخلاۋاتقان ھالەتتەكۆرەتتىڭ
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلاپ روزا تۇتۇشتىن توستى، ساھابىلار: سىلى ئۇلاپ تۇتىدىلىغۇ؟ دېگەندە، مەن سىلەرگە ئوخشىمايمەن، مەن يېمەك-ئىچمەك بىلەن تەمىنلىنىپ تۇرىمەن، دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆپ نامازلارنى بىرگە ئوقۇدۇم، ئۇنىڭ نامىزىمۇ ۋە خۇتبىسىمۇ ئوتتۇراھال ئىدى
عربي الإنجليزية الأوردية