عن عَائِشَةَ رضي الله عنها قالت: ((كُنْتُ أَغْتَسِلُ أَنَا ورسول الله صلى الله عليه وسلم مِن إِنَاءٍ وَاحِدٍ، كِلاَنَا جُنُب، وكان يَأْمُرُنِي فَأَتَّزِرُ، فَيُبَاشِرُنِي وأنا حَائِض، وكان يُخْرِج رَأسَه إِلَيَّ، وهُو مُعْتَكِفٌ، فَأَغْسِلُهُ وأنا حَائِض)).
[صحيح] - [متفق عليه، لكنه روي مفرقًا، فمن أول الحديث إلى قولها"كلانا جنب": رواه البخاري، ومسلم. من قولها"وكان يأمرني" إلى قولها:"وأنا حائض": متفق عليه، رواه: البخاري، ومسلم. آخر الحديث: متفق عليه، رواه: البخاري، ومسلم]
المزيــد ...

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن جۇنۇپ ھالىتىمىزدە بىر قاچىدا يۇيىناتتىم، مەن ئادەت كۆرگەن ۋاقتىمدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى ئىشتان كىيىۋىلىشقا بۇيرۇپ قۇچاقلايتتى، ئۇ ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا مەسچىتتىن بېشىنى چىقىراتتى، مەن ھەيزدار ھالىتىمدە ئۇنىڭ بېشىنى يۇيۇپ قوياتتىم» دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن جۇنۇپ ھالىتىدە بىر داستىن سۇ ئىلىپ يۇيۇناتتى، چۈنكى جۇنۇپ كىشى قولىنى قاچىغا تىقىشتىن بۇرۇن يۇيىۋەتكەن بولسا، قولىدا سۇ ئىلىپ يۇيۇنسا سۇنىڭ پاكىزلىقىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. يەھۇدىلارنىڭ ئاياللىرى ئادەت كۆرۈپ قالغاندا بىر ئورۇندا ياتمايدىغانلىقى ۋە بىرگە ئولتۇرۇپ يىمەك يىمەيدىغانلىقى بىلىنگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈممىتىگە ھەيىزدار ئايال بىلەن جىما قىلماستىن يېقىنچىلىق قىلىشنى يولغا قويۇشنى مەقسەت قىلغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئادەت كۈنىدە ئىشتان كىيۋىلىشقا بۇيرۇپ، جىما قىلماستىن ئۇنىڭ بىلەن يېقىنچىلىق قىلىشقان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا مەسچىتتە ئولتۇرۇپ بېشىنى ئۆينىڭ ئىچىگە كىرگۈزەتتى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۆيدە تۇرۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بېشىنى يۇيۇپ قوياتتى.بۇنداق ئىشلار ئۈچۈن ھەيىزدارلارغا يىقىنلىشىش چەكلەنمەيدۇ، بۇ يەھۇدىلارنىڭ سىقىنچىلىقىنى كەڭرىتىش ئۈچۈن يولغا قويۇلدى، لېكىن بۇ ھەدىستە ئىپادىلەنگەندەك، ھەيىزدار ئايال بۇلغاپ قويماسلىقى ئۈچۈن مەسچىتكە كىرمەيدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە پوشتوچە ئاسامىي السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش