عن حذيفة بن اليمان رضي الله عنهما قال: صليت مع النبي صلى الله عليه وسلم ذات ليلة فَافْتَتَحَ البقرة، فقلت: يركع عند المئة، ثم مضى، فقلت: يصلي بها في ركعة فمضى، فقلت: يركع بها، ثم افتتح النساء فقرأها، ثم افتتح آل عمران فقرأها، يقرأ مُتَرَسِّلًا: إذا مَر بآية فيها تَسبِيحٌ سَبَّحَ، وإذا مَر بسؤال سَأل، وإذا مَر بِتَعَوُّذٍ تَعَوَّذَ، ثم ركع، فجعل يقول: «سبحان ربي العظيم» فكان ركوعه نحوًا من قِيَامِهِ، ثم قال: «سمع الله لمن حمده، ربنا لك الحمد» ثم قام طويلًا قريبا مما ركع، ثم سجد، فقال: «سبحان ربي الأعلى» فكان سجوده قريبًا من قيامه.
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىر كېچىسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم بىلەن ناماز ئوقۇغۇنۇمدا، ئۇ سۈرە بەقەرەنى باشلىدى، يۈز ئايەتتە رۇكۇ قىلا دەپ ئويلىسام، ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ كەتتى، ئاندىن سۈرە بەقەرەنى ئوقۇپ رۇكۇ قىلا دېسەم، ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتۈپ، سۈرە نىسانى باشلىدى، ئۇنىمۇ تۈگىتىپ، ئال-ئىمراننى باشلاپ ئۇنىمۇ تۈگەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئايەتلەرنى ئالدىرىماي (يەنى تەرتىل بىلەن) ئوقۇيتتى، تەسبىھ بار ئايەتتىن ئۆتسە، تەسبىھ ئېيتاتتى، ئىلتىجا بار ئايەتتىن ئۆتسە، ئىلتىجا قىلاتتى، پاناھ تەلەپ قىلىش ئايىتىدىن ئۆتسە، پاناھ تەلەپ قىلاتتى، ئاندىن رۇكۇ قىلىپ: سۇبھانە رەببىيەل ئەزىم (بۈيۈك رەببىم بارلىق ئەيىب-نۇقساندىن پاكتۇر) دېگەن زىكىرنى باشلىدى ۋە رۇكۇدىمۇ خۇددى قىيامدا تۇرغاندەك ئۇزۇن تۇردى، ئاندىن: سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە (ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ھەمدى ئېيتقان كىشىنى ئاڭلايدۇ)، رەببەنا لەكەلھەمدۇ (ئى رەببىمىز! بارلىق ھەمدۇ-سانا ساڭا خاستۇر)، دەپ رۇكۇدا تۇرغاندەك (ئۇزۇن ۋاقىت) ئۆرە تۇردى. ئاندىن سەجدە قىلىپ: سۇبھانە رەببيەل ئەئلا (ئۇلۇغ رەببىم بارلىق ئەيىبتىن پاكتۇر)، دېگەن زىكىرنى باشلىدى ۋە (سەجدىدە) خۇددى قىيامدا تۇرغاندەك ئۇزۇن تۇردى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ھۇزەيفە بىر كۈنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئىقتىدا قىلىپ تەھەججۈد نامىزىغا تۇردى، رەسۇلۇللاھ بىرىنچى رەكەتكە سۈرە بەقەرە، سۈرە نىسا ۋە ئال-ئىمراننى ئوقۇپ نامازنى ئۇزۇن ئوقۇدى، قىرائەت ئارلىقىدا سوئال ئايىتىدىن ئۆتكەندە ئاللاھ تائالادىن سورايتتى، تەسبىھ ئايەتلىرىدىن ئۆتكەندە تەسبىھ ئېيتاتتى، پاناھ تىلەش ئايەتلىرىدىن ئۆتكەندە پاناھ تىلەيتتى، نامىزىنىڭ رۇكۇسى قىيامغا ئوخشاش، سەجدىسىمۇ رۇكۇسىغا ئوخشاش ئۇزۇنلىقتا بىر-بىرىگە ماس ئىدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە تامىلچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش