عن أبي هريرة رضي الله عنه قال: مَرَّ رجُل من أصحاب رسول الله صلى الله عليه وسلم بِشِعبٍ فيه عُيَيْنَةٌ من ماء عَذْبَة، فأعْجَبتْه، فقال: لو اعْتَزلت الناس فَأقَمْتُ في هذا الشِّعْبِ، ولنْ أفعل حتى أسْتأذِن رسول الله صلى الله عليه وسلم فذَكر ذلك لرسول الله صلى الله عليه وسلم فقال: «لا تَفْعَل؛ فإن مُقام أحدِكم في سَبِيل الله أفضل من صلاته في بيته سَبْعِين عاماً، ألا تُحِبُّونَ أن يَغْفِر الله لكم، ويدخلكم الجنة؟ اُغْزُوا في سبيل الله، من قَاتَل في سبيل الله فُوَاقَ نَاقَةٍ وجَبَت له الجنة».
[حسن] - [رواه الترمذي وأحمد]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، ساھابىلاردىن بىر كىشى ئاتلىق سۇ ئېقىپ تۇرغان بۇلاق بار بىر جىلغىدىن ئۆتتى، بۇلاق ئۇ كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى، ئۇ كىشى كۆڭلىدە مەن كىشىلەردىن ئايرىلىپ بۇ جىلغىدا ئىبادەت قىلسام قانداق بولار؟ بۇ ئىشنى قىلساممۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ رۇخسىتىسىز ھەرگىز قىلمايمەن، دەپ ئويلاپ، ئۇ پىكرىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئېيتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇنداق قىلمىغىن، شەكسىز سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلىرىڭلارنىڭ مەرتىۋىسى، ئۆيىدە يەتمىش يىل ناماز ئوقۇغاندىن ئارتۇق بولىدۇ، سىلەر ئاللاھنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈشىنى ۋە سىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈشىنى ياقتۇرمامسىلەر؟ ئاللاھنىڭ يولىدا غازات قىلىڭلار، «كىمكى ئاللاھنىڭ يولىدا تۆگىنى بوتىلىقى ئۈچۈن سۈت يېغىشقا قويۇپ بەرگەن ۋاقىتچىلىك مۇددەت ئىچىدە جىھاد قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا جەننەت ۋاجىپ بولىدۇ»دېدى.
ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ) - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىر كىشى ئاتلىق تاغدىكى بىر جىلغىدىن ئۆتىدۇ، ئۇ جىلغىدا تاتلىق سۇ ئاقىدىغان بىر بۇلاق بولۇپ، ئۇ بۇلاق ئۇ كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالدى، ئۇ كۆڭلىدە كىشىلەردىن ئايرىلىپ ئاشۇ جايدا تۇرۇپ، شۇ بۇلاقنىڭ سۈيىدىن ئېچىپ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشنى ياقتۇرۇپ قالدى، لېكىن ئۇ كىشى بۇ ئىشنى قىلساممۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ رۇخسىتىسىز ھەرگىز قىلمايمەن، دەپ ئويلاپ، بۇ ئويىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئېيتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇنداق قىلمىغىن» دەپ ئۇ كىشىنى ئۇنداق قىلىشتىن توستى، چۈنكى غازات قىلىش ئۇ كىشىگە ۋاجىپ بولغان ئىدى، ئۇ كىشىنىڭ ۋاجىپ بولغان ئەمەلنى تەرك قىلىپ نەپلە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن كىشىلەردىن ئايرىلىۋىلىشى ئاسىيلىق ھېسابلىناتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلىرىڭلارنىڭ مەرتىۋىسى، ئۆيىدە يەتمىش يىل ناماز ئوقۇغاندىن ئارتۇق بولىدۇ،» دېگەن. يەنى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش دېگەن پەقەت ناماز ئوقۇش ئۈچۈن يەتمىش يىل ئايرىم تۇرغاندىن ياخشى بولىدۇ، چۈنكى جىھادنىڭ پايدىسى باشقىلارغا بولىدۇ، نەپلە ناماز ئوقۇغاننىڭ پايدىسى پەقەت شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگىلا بولىدۇ، «سىلەر ئاللاھنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈشىنى ۋە سىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈشىنى ياقتۇرمامسىلەر؟» يەنى ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈشىنى ۋە سىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈشىنى ياقتۇرساڭلار، سەبىر قىلىپ ۋە سەۋەپ ئۈمىد قىلىپ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جىھادنىڭ پايدىسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئاللاھنىڭ يولىدا تۆگىنى بوتىلىقى ئۈچۈن سۈت يېغىشقا قويۇپ بەرگەن ۋاقىتچىلىك مۇددەت ئىچىدە جىھاد قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا جەننەت ۋاجىپ بولىدۇ» يەنى كىمكى ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئالى قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا ئازغىنە ۋاقىت بولسىمۇ ئۇرۇشقا قاتناشسا ئۇ كىشىگە جەننەت ۋاجىپ بولىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ