ھەدىسلەر تىزىملىكى

?زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدە قىلىنغان ياخشى ئەمەللەردىنمۇ بەكرەك ئاللاھقا ياخشى كۆرۈلىدىغان ئەمەل يوقتۇر
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
?غەيرى دىندىكى ئەمىنلىك بېرىلگەن كىشىنى ئۆلتۈرگەن كىشى گەرچە جەننەتنىڭ ھېدىنى قىرىق يىللىق مۇساپىدىن پۇرىغىلى بولسىمۇ، ئۇ كىشى جەننەتنىڭ ھېدىنى ئالالمايدۇ
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چىققان بىر غازاتتا بىر ئايالنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرگەن
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: بىر كىشنىڭ ئۆزىنىڭ جۈرئىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، يەنە بىرسىنىڭ ئۆزىنىڭ قوۋمىگە ياكى يۇرتىغا تەئەسسۇپلۇق قىلىش ئۈچۈن ۋە يەنە بىرسىنىڭ ئۆزىنى كۆز - كۆز قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇشقانلىقى توغرۇلۇق سورالدى
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
كىمكى ئاللاھ يولىدا غازات قىلغۇچىنى جابدۇپ قويسا، ئۇ كىشى غازات قىلغۇچىغا ئوخشاش ساۋابقا ئېرىشىدۇ. كىمكى غازات قىلغۇچىنىڭ ئائىلىسىگە ياردەم بېرىش ۋە ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن قالسا، ئۇ كىشى غازات قىلغۇچىغا ئوخشاش ساۋابقا ئېرىشىدۇ
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
ئاللاھ مەندىن بۇرۇنقى ئۈممەتكە ئەۋەتكەن ھەر قانداق پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى ئىچىدىن سۈننىتىنى تۇتۇپ، بۇيرىقىغا ئەگىشىدىغان ھەمراھلىرى ۋە ياردەمچىلىرى بولدى، ھەقىقەتەن ئۇلاردىن كېيىن قىلمايدىغاننى سۆزلەيدىغان، بۇيرۇلمىغاننى قېلىدىغان كىشىلەر پەيدا بولىدۇ
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
ئاللاھنىڭ يولىدا بەندىنىڭ ئىككى پۇتى توپىغا مىلەنسە، ئۇنى دوزاخ ئوتى كۆيدۈرمەيدۇ
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
شەھىد ئۆلتۈرۈلگەن ۋاقىتتا پەقەت چۆمۈلە چاققانچىلىكلا ئاغرىق ھېس قىلىدۇ
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
ئەگەر مەن ئاللاھنىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلسەم مېنىڭ گۇناھىم كەچۈرۈلەمدۇ؟
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
ئۇ دوزاختا (دېدى)، ئۇلار بېرىپ تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىر تونغا خىيانەت قىلغانلىقىنى بايقىدى
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىرەر قوشۇنغا ياكى ئەترەتكە ئەمىر تەيىنلىسە، ئۇنىڭ تەقۋادار بولۇشىنى، قوماندانلىقى ئاستىدىكى مۇسۇلمانلارغا ياخشى مۇئائىلە قىلىشىنى تەۋسىيە قىلاتتى. ئاندىن مۇنداق دەيتتى: «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن، ئاللاھ يولىدا غازاتقا يۈرۈڭلار. ئاللاھنى ئىنكار قىلغانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىڭلار، جەڭ قىلىڭلار. غەنىمەتلەرگە خىيانەت قىلماڭلار، دۈشمەن جەسەتلىرىنىڭ ئەزالىرىنى كەسمەڭلار، كىچىك بالىلارنى ئۆلتۈرمەڭلار. مۇشرىكلاردىن ئىبارەت دۈشمىنىڭگە ئۇچرىساڭ، ئۇلارنى ئۈچ شەرتكە چاقىرغىن. ئۇلار بۇ ئۈچ شەرتنىڭ قايسىسىنى قوبۇل قىلسا، سەنمۇ ئۇلار تاللىغان شەرتنى قوبۇل قىلغىن ۋە ئۇلارغا چېقىلمىغىن، ئالدى بىلەن ئۇلارنى ئىسلامغا چاقىرغىن، ئەگەر ئۇلار ئىسلامنى قوبۇل قىلسا، سەنمۇ ئۇلارنىڭ ئىسلامىنى قوبۇل قىلغىن ۋە ئۇلارنى ئۆز يۇرتلىرىدىن مۇھاجىرلارنىڭ يۇرتلىرىغا ھىجرەت قىلىشقا چاقىرغىن. ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەر ئۇلار بۇنى ئورۇندىسا، مۇھاجىرلار بىلەن ھەق – ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەتتە ئورتاق بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئۆز يۇرتلىرىدىن ھىجرەت قىلغىلى ئۇنىمىسا، ئۇلارغا ئېيتىپ قويغىنكى، ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئەئرابىلىرىغا ئوخشاش بولىدۇ. ئاللاھنىڭ مۇئمىنلەر ئۈستىگە يۈكلىگەن ھۆكمى ئۇلارنىڭمۇ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ. ئۇلار مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە جىھاد قىلمىغىچە، ئۇلارغا غەنىمەت ۋە ئولجىلاردىن ھېچ نەرسە بېرىلمەيدۇ. ناۋادا ئۇلار بىرىنچى شەرتنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇلارغا جىزىيە تۆلەش شەرتىنى قويغىن. ئەگەر ئۇلار جىزىيە تۆلەشنى قوبۇل قىلسا، سەنمۇ ئۇلاردىن جىزىيە ئالغىن، ئۇلارغا چېقىلمىغىن. ئەگەر جىزىيە تۆلەشنىمۇ رەت قىلسا، ئاللاھتىن ياردەم تىلەپ، ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلغىن. بىرەر سېپىل ئىچىگە كىرىۋالغانلارنى قورشاۋغا ئالغان چېغىڭدا، ئۇلار سەندىن ئۆزلىرىگە ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئامانلىقىنى بېرىشنى تەلەپ قىلسا، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئامانلىقىنى بەرمەستىن، ئۆزەڭنىڭ ۋە سەبداشلىرىڭنىڭ ئامانلىقىنى بەرگىن. چۈنكى (ئاراڭلاردىن بىرەرسى بىلمەستىن بەرگەن ئامانلىقنى بۇزۇپ سالسا) ئۆزەڭلار بەرگەن ئامانلىقنى بۇزۇشۇڭلار ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ نامىدىن بېرىلگەن ئامانلىقنى بۇزۇشقا قارىغاندا يەڭگىلرەك. بىرەر سېپىل ئىچىگە كىرىۋالغانلارنى قورشاۋغا ئالغان چېغىڭدا، ئەگەر ئۇلار ساڭا ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى ھۆكمىگە ئۇيغۇن ھالدا بىتەرەپ قىلىشىڭنى شەرت قىلسا، سەن ئۇلارنىڭ بۇ شەرتىگە قوشۇلماي، ئۇلارنى ئۆزەڭنىڭ چىقارغان ھۆكمىگە ئۇيغۇن بىر تەرەپ قىلغىن. چۈنكى سەن ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى ھۆكمىگە ئۇيغۇن بىر تەرەپ قىلالىغان ياكى قىلالمىغانلىقىڭنى بىلمەيسەن «چۈنكى ساڭا ئاللاھنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى ھۆكمى ماۋۇ دەپ ۋەھىي كەلمەيدۇ»
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
بىر كىشى قورال ئېتىشنى ئۈگۈنۈپ بولۇپ ئاندىن داۋاملىق مەشىق قىلماي تاشلىۋەتسە، ئۇ كىشى بىزنىڭ قاتارىمىزدىن ھېسابلانمايدۇ ياكى گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
كىم غازات قىلماي ۋە غازاتنى كۆڭلىگە كەلتۈرمەي ئۆلسە مۇناپىقلىقدىن بىر سۈپەتتە ئۆلىدۇ
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
ھەر قانداق كىشىنىڭ ئەمىلى ئۆلۈم بىلەن ئۈزىلىدۇ، پەقەت ئاللاھ يولىدىكى مۇجاھىد بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، ئۇنىڭ ئەمىلى قىيامەت كۈنىگىچە كۆپىيىدۇ ۋە قەبرە پىتنىسىدىن خاتىرجەم بولىدۇ
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى بارلىق ئۈممەتلەرنى يىغقاندا، ئاللاھنىڭ ئەھدىسىگە خىيانەت قىلغان ھەر بىر خىيانەتچى ئۈچۈن بايراق تىكلەپ قويىدۇ ۋە: بۇ پالانىنىڭ بالىسى پالانىنىڭ خىيانىتى دېيىلىدۇ
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
ئاللاھ ئۆز يولىدا جىھاد قىلغۇچىغا ئەگەر ئۆلۈپ كەتسە جەننەتكە كىرگۈزۈشكە ياكى غەنىمەت ياكى ساۋاب بىلەن سالامەت قايتۇرۇشقا كېپىل بولدى
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
بامدات ۋاقتىدىن كۈن قىزارغۇچىلىك ياكى زاۋال ۋاقتىدىن كۈن پاتقۇچىلىك ئارىلىقتا ئاللاھ ئۈچۈن يولغا چىقسا، قۇياش چىقىپ پاتقۇچە جەريانىدىكى بارلىق نەرسىلەردىن ياخشىدۇر
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
ئاللاھ تائالا يولىدا يارىلانغان ھەر قانداق كىشى، قىيامەت كۈنى ئۇ جاراھىتىدىن قان ئاققان ھالدا كېلىدۇ. ئۇ قاننىڭ رەڭگى قان رەڭ، ئەمما پۇرىقى ئەنبەر پۇرايدۇ
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
بىر ئادەم ئوھۇد كۈنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە: ئەگەر مەن ئۆلتۈرۈلسەم نەدە بولىمەن؟ دېگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: جەننەتە، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم قولىدىكى بىر قانچە تال خورمىنى تاشلىۋەتتى ۋە جەڭ مەيدانىغا كىرىپ شېھىت بولغۇنچە قەدەر ئېلىشتى
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
ئاللاھ شېھىتنىڭ قەرزىدىن باشقا ھەممە گۇناھىنى كەچۈرىۋېتىدۇ
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
ئاللاھنىڭ يولىدا غازات قىلىڭلار، كىمكى ئاللاھنىڭ يولىدا تۆگىنى بوتىلىقى ئۈچۈن سۈت يېغىشقا قويۇپ بەرگەن ۋاقىتچىلىك مۇددەت ئىچىدە جىھاد قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا جەننەت ۋاجىپ بولىدۇ
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلىغان كىشى سۈت ئەمچەككە قايتقانغا قەدەر دوزاخقا كىرمەيدۇ
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
جەننەتكە كىرىدىغان شەھىدتىن باشقا بىرەر كىشى زېمىندىكى بارلىق نەرسە ئۇنىڭ بولغان تەقدىردىمۇ، دۇنياغا قايتىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، شەھىد ئۆزى كۆرىۋاتقان ھۆرمەت ئۈچۈن دۇنياغا قايتىپ، يەنە ئون قېتىم ئۆلتۈرۈلۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىققۇچى تاكى جىھادتىن قايتىپ كەلگۈچە: بوشاشماي روزا تۇتۇپ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى بىلەن نامازغا تۇرىدىغان كىشىگە ئوخشاش بولىدۇ
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
كىمكى ئاللاھغا بويسۇنۇپ ۋە ئۇنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ ئاللاھ يولىدا بىر ئات تەييارلىسا، قىيامەت كۈنى ئۇ ئاتنىڭ يېگىنى ۋە ئىچكىنى، تېزەكلىگىنى ۋە سىيگەنلىرىدىن تارتىپ ئۇ كىشىنىڭ ياخشىلىق تارازىسىغا چۈشىدۇ
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
كىمكى ئاللاھنىڭ ھەقىقى پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىگە، ئىسلامنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىگە ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە رازى بولسا، ئۇ كىشىگە جەننەت ۋاجىپ بولىدۇ
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
كىمكى ئاللاھنىڭ يولىدا بىر پاي ئوق ئاتسا ئۇنىڭغا بىر قۇل ئازاد قىلغاننىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
ئاللاھنىڭ يولىدا تۆگىنى بىر قېتىم ساغقۇچىلىك مىقداردا ئۇرۇش قىلغان مۇسۇلمان كىشىگە جەننەت ۋاجىپ بولىدۇ، كىم ئاللاھنىڭ يولىدا جاراھەتلەنسە ياكى يارىلانسا، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ جاراھىتى ياكى يارىسىدىن قان ئاققان رەڭگى زەپەر رەڭگىدە، پۇرىقى ئىپاردەك خۇشبۇي ھالىتىدە كىلىدۇ
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
ئى ئەنسارلار جامائىتى، مەن سىلەرنى ئازغۇن ھالدا تېپىپ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تائالا سىلەرگە مېنىڭ قولۇم ئارقىلىق ھىدايەت بەرمىدىمۇ؟ سىلەر چېچىلاڭغۇ ئىدىڭلار، مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا سىلەرنىڭ ئاراڭلارنى ئىتتىپاق قىلمىدىمۇ؟ مەن سىلەرنى مۇھتاج ھالدا ئىدىڭلار، مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا سىلەرنى بىھاجەت قىلمىدىمۇ؟
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
ئۇرۇش تاكتىكىدۇر
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
غازاتقا چىققان جامائەت ياكى قوشۇن غەنىمەت ئېلىپ، سالامەت قايىتسا، ئەجىرلىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى نەق ئېلىپ بولغان بولىدۇ، غازاتقا چىققان جامائەت ياكى قوشۇن غەنىمەت ئالالماي، تالاپەتكە ئۇچرىسا ئەجىرلىرى تولۇق بولىدۇ
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەشىق قىلدۇرۇلغان ئاتلارنى «ھەفيا» بىلەن «ۋەدا داۋىنى» نىڭ ئارىلىقىدا بەيگىگە سالدى
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غەنىيمەتنى ئاتلىقلارغا ئىككى ئۆلۈش، پىيادىكىلەرگە بىر ئۆلۈش بۆلۈپ بەردى
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
بەنى نەزىرنىڭ مال-مۈلكى مۇسۇلمانلار ئات-تۆگىلەرنى چاپتۇرۇپ قولغا كەلتۈرگەن ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاللاھ ئۆز ئەلچىسىگە خاس غەنىيمەت قىلىپ بەرگەن مال-مۈلۈك ئىدى
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن يەتتە قېتىم غازاتقا چىقتۇق، ئۇ غازاتتا بىز چېكەتكە يېگەن ئىدۇق
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
بىزدىن ئىلگىرىكىلەرگە غەنىمەت ھالال قىلىنمىغان، ئاللاھ تائالا بىزنىڭ «يەنى بۇ ئۈممەتنىڭ» ئاجىز، زەئىپ ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، بىزگە غەنىمەتلەرنى ھالال قىلىپ بەردى
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
مەككە ئازاد بولغان يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىگە كىرگەندە بېشىدا دۇبۇلغا بار ئىدى، دۇبۇلغىنى ئالغاندا بىرسى كېلىپ: ئىبنى خەتەل كەبىنىڭ يوپۇقىغا ئېسىلىپ تۇرۇۋاپتۇ، دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنى ئۆلتۈرۋىتىڭلار» دېدى
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
ئۇرۇشتىن قايتقانغىمۇ ئۇرۇش قىلغاننىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلاردىن ئىككى ئادەمنى مۇشرىكلاردىن بىر ئادەم بىلەن ئالماشتۇردى
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ جەڭگە ئاتلانغاندا غەنىمەتنىڭ تۆتتىن بىرىنى، جەڭدىن قايتقاندا غەنىمەتنىڭ ئۈچتىن بىرىنى (بۇ غەنىمەتلەرنى ئالغانلارغا) تارتۇق قىلىپ بەرگەنلىكىنى كۆردۈم
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
بىز غازاتلىرىمىزدا ھەسەل ۋە ئۈزۈملەرنى ئولجا ئالاتتۇق، رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا ئېلىپ بارماي، ئۇنىڭدىن يەۋىرەتتۇق
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ساياھىتى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتۇر
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
بۇ بىر تۆگەڭنىڭ ئورنىغا ساڭا قىيامەت كۈنى نۇختىلانغان 700 تۆگە بېرىلىدۇ
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى