عن عبد الله بن عمر رضي الله عنهما قال: «أَجْرَى النَّبِيُّ صلى الله عليه وسلم ما ضُمِّرَ مِن الْخَيْل: مِنْ الْحَفْيَاءِ إلَى ثَنِيَّةِ الوَداع، وَأَجْرَى ما لَمْ يُضَمَّرْ: مِنْ الثَّنِيَّةِ إلَى مسجد بني زُرَيْقٍ. قَال ابن عمر: وَكنْتُ فِيمَن أَجْرى. قَالَ سفيان: مِن الْحَفْيَاء إلى ثَنِيَّة الوداع: خمسة أمْيال، أو سِتَّة، ومن ثَنِيَّة الوداع إلى مسجد بني زُرَيْقٍ: مِيلٌ».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەشىق قىلدۇرۇلغان ئاتلارنى ھەفيا بىلەن ۋەدا داۋىنىنىڭ ئارىلىقىدا، مەشىق قىلدۇرۇلمىغان ئاتلارنى ۋەدا داۋىنى بىلەن بەنى زۇرەيق مەسجىدى ئارىلىقىدا بەيگىگە سالدى. ئىبنى ئۆمەر: شۇ بەيگىلەردە مەنمۇ بار ئىدىم، دېگەن. سۇفيان مۇنداق دېگەن: ھەفيا بىلەن ۋەدا داۋىنىنىڭ ئارىلىقى بەش- ئالتە مىل، ۋەدا داۋىنى بىلەن بەنى زۇرەيق مەسجىدىنىڭ ئارىلىقى بىر مىل كېلەتتى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم جىھاد ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق بىلەن تۇراتتى، ئاللاھ تائالانىڭ: «دۈشمەنلىرىڭلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن قولۇڭلاردىن كېلىشىچە قۇرال كۈچى، جەڭ ئېتى تەييارلاڭلار» دېگەن ئايىتىگە ئاساسەن ئاتلارنى مەشىق قىلدۇرۇپ، ساھابىلارنى ئات مېنىشكە، قوغلاش ۋە قېچىشقا چېنىقتۇرۇپ تۇراتتى. ئۈگۈتۈش ۋە كۆندۈرۈش ئۈچۈن مەشىق قىلدۇرۇلغان ئاتلارغا مەلۇم نىشانلارنى، مەشىق قىلدۇرۇلمىغان ئاتلارغا مەلۇم نىشانلارنى بەلگىلەپ بىرەتتى. ساھابىلارنىمۇ ھەم جەڭگە چېنىقتۇراتتى. «مەشىق قىلدۇرۇلغان ئات مەلۇم ۋاقىت يەم بېرىپ، يەنە مەلۇم ۋاقىت ئاچ قويۇپ بېقىلغان ئاتلاردۇر»، بۇنداق ئاتلار ئالتە مىل ئارىلىقتا، مەشىق قىلدۇرۇلمىغان ئاتلار بىر مىل ئارىلىقتا بەيگىگە سېلىناتتى. ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەرمۇ شۇ بەيگىلەرگە قاتناشقان ياشلارنىڭ بىرى ئىدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ