عن أبي هريرة رضي الله عنه قال: «أَتَى رجل مِنَ المسلمين رسولَ صلى الله عليه وسلم وهو في المسجد فَنَادَاهُ: يا رسول الله، إنِّي زَنَيْتُ، فَأَعْرَضَ عنه، فَتَنَحَّى تِلْقَاءَ وَجْهِهِ فَقَالَ: يا رسول الله، إنِّي زَنَيْت، فأعرض عنه، حَتَّى ثَنَّى ذلك عليه أَرْبَعَ مَرَّاتٍ. فَلَمَّا شَهِدَ عَلَى نَفْسِهِ أَرْبع شهادات: دَعَاهُ رَسُولُ الله صلى الله عليه وسلم ، فَقَالَ: أَبِكَ جُنُونٌ؟ قَالَ: لا، قَالَ: فَهَلْ أُحْصِنْت؟ قَالَ: نَعَمْ، فَقَالَ رَسُولُ الله: اذْهَبُوا بِهِ فَارْجُمُوهُ». قَالَ ابْنُ شِهَابٍ: فَأَخْبَرَنِي أَبُو سَلَمَةَ بنُ عَبْدِ الرَّحْمَنِ. سَمِعَ جَابِرَ بنَ عَبْدِ الله يَقُولُ: «كُنْت فِيمَنْ رَجَمَهُ، فَرَجَمْنَاهُ بِالمُصَلَّى، فَلَمَّا أَذْلَقَتْهُ الْحِجَارَةُ هَرَبَ، فَأَدْرَكْنَاهُ بِالحَرَّةِ، فَرَجَمْنَاهُ».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتتە تۇرغاندا مۇسۇلمانلاردىن بىر كىشى كېلىپ ئۇنى تولاپ ئى رەسۇلۇللاھ! مەن زىنا قىلدىم دىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈۋالدى. ئۇ ئادەم پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئى رەسۇلۇللاھ! مەن زىنا قىلدىم، دىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈۋالدى. ھەتتاكى ئۇ ئىش تۆت قېتىم تەكرارلاندى. ئۇ ئادەم ئۆزىگە ئۆزى تۆت قېتىم گۇۋاھلىق بەرگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى چاقىرىپ: سەندە ساراڭلىق بارمۇ؟ دېدى، ئۇ: ياق، دىدى. رەسۇلۇللاھ: سەن توي قىلغانمۇ؟ دېدى، ئۇ: ھە-ئە، دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنى ئاپىرىپ چالما -كېسەك ئېتىڭلار، دېدى. ئىبنى شىھاب ماڭا ئەبۇ سەلەمە ئىبنى ئابدۇرراھمان خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېدى: ئۇ جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: مەن ئۇ ئادەمگە چالما - كېسەك ئاتقانلارنىڭ قاتارىدا بار ئىدىم، ئۇنى بىز نامازگاھتا چالما - كېسەك قىلدۇق، ئۇ ئىتىلغان تاشنىڭ ئاغرىقىدا قاچتى، بىز ئۇنى ھەررە دېگەن جايدا تۇتۇۋالدۇق ۋە چالما - كېسەك قىلىشنى داۋاملاشتۇردۇق
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتتە تۇرغاندا، مائىز ئىبنى مالىك ئەلئەسلەمى كېلىپ ئۆزىنىڭ زىنا قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن قايتىپ بۇ ئىشنى ئاللاھ تائالا بىلەن ئۆزىنىڭ ئوتتۇرىدا قويۇپ تەۋبە قىلىشىنى ئويلاپ، ئۇنىڭدىن يۈزىنى ئۆرۈۋالدى. لېكىن ئۇ ئۆزىگە ئاچچىقى كەلگەن ۋە ئۇنى جازالاش ئارقىلىق پاكلاشقا بەل باغلاپ كەلگەچكە، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئالدىغا يەنە كېلىپ ئۆزىنىڭ زىنا قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن يەنە يۈز ئۆرۈۋالدى. ھەتتاكى ئۇ ئادەم ئۆزىگە ئۆزى تۆت قېتىم گۇۋاھلىق بەردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن سەندە ساراڭلىق بارمۇ؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇ، ياق، دىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن ئۇنىڭ ئەقلى - ھوشى جايىدىمۇ؟ دەپ سوراپتى، ئۇلار ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى ئېيتىشىپ ماختاشتى. پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭدىن توي قىلغانمۇ؟ ياكى قىلمىغانمۇ؟ دەپ سورىدى، چۈنكى توي قىلمىغان بولسا چالما - كېسەك جازاسى بېرىلمەيتى. ئۇ، ئۆزىنىڭ توي قىلغانلىقىنى ئىيتتى. ۋە ئۇ بەلكى سىلاپ قويغان ياكى سۆيۈپ قويغاندەك ئىشنى قىلىپ بۇ جازانى ۋاجىپ قىلىدىغان چوڭ ئىشنى قىلمىغان بولىشى مۇمكىن دەپ سورىسا، ئۇ ھەقىقى زىنا قىلغانلىقىنى ئوچۇق دىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئەھۋالىنىڭ ھەممىسىنى ئېنىقلىغان ۋە ئۇنىڭغا بۇ جازانى يۈرگۈزۈش ۋاجىپلىقى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كىيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا ئۇنى ئاپىرىپ چالما- كېسەك قىلىشقا بۇيرىدى. ئۇلار ئۇنى جىنازا نامىزى ئوقۇيدىغان (بەقىئۇلغەرقەد) كە ئېلىپ چىقتى ۋە چالما - كېسەك قىلدى، ئۇ تاشنىڭ قاتتىق قىزىتقىنىنى ھېس قىلغاندا قۇتۇلۇشنى كۆزلەپ، ئۆلۈمدىن قىچىشنى ئويلىدى، چۈنكى ئىنساننىڭ نەپسى ئۇنداق ئىشنى كۆتۈرەلمەيتتى ۋە قاچتى. ئۇلار ئۇنى ھەررە دېگەن جايدا تۇتۇۋالدى ۋە ئۇنى جاراھەتلەندۈرۈپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا رەھىم قىلسۇن ۋە ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش