+ -

عن ابن عمر أن النبي صلى الله عليه وسلم ضَرَبَ وَغَرَّبَ، وأن أبا بكر ضَرَبَ وَغَرَّبَ، وأن عمر ضَرَبَ وَغَرَّبَ.
[صحيح] - [رواه الترمذي]
المزيــد ...

ئىبنى ئۆمەر (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) دىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ (توي قىلماي تۇرۇپ زىنا قىلغان ياشنى يۈز) دەررە ئۇرۇپ، (بىر يىل) سۈرگۈن قىلغانلىقى، ئەبۇ بەكرى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭمۇ) دەررە ئۇرۇپ، سۈرگۈن قىلغانلىقى، ئۆمەر (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭمۇ) دەررە ئۇرۇپ، سۈرگۈن قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىندى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ توي قىلماي تۇرۇپ زىنا قىلغان كىشىنى يۈز دەررە ئۇرۇپ، ئۆز يۇرتىدىن باشقا يۇرتقا تولۇق بىر يىل سۈرگۈن قىلغانلىقىنى، ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭمۇ شۇنداق قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ، بۇ ھەدىس، سۈرگۈن قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن تەتبىقلانغانلىقى ئۈچۈن زىنا جازاسىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ تولۇقلىمىسى ئىكەنلىكىنى، ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغانلىقىنى كۆرسەتكەن

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى كۇردچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش