عن عبد الله بن عمرو بن العاص رضي الله عنهما مرفوعاً: «ما من غازيَةٍ أو سَرِيَّةٍ تغزو فَتَغْنَم وَتَسْلَمُ إلا كانوا قد تَعَجَّلُوا ثُلُثَي أُجُورِهِمْ، ومَا من غَازِيَةٍ أَوْ سَرِيَّةٍ تُخْفِقُ وَتُصَابُ إِلاَّ تم أُجُورُهُمْ».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: «غازاتقا چىققان جامائەت ياكى قوشۇن غەنىمەت ئېلىپ، سالامەت قايتسا، ئەجىرلىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى نەق ئېلىپ بولغان بولىدۇ، غازاتقا چىققان جامائەت ياكى قوشۇن غەنىمەت ئالالماي، تالاپەتكە ئۇچرىسا ئەجىرلىرى تولۇق بولىدۇ» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
بۇ ھەدىسنىڭ ئىككى خىل مەنىسى بار: بىرىنچى مەنىسى: قانداق بىر قوشۇن دۈشمەنلەر بىلەن جەڭ قىلىپ، جەڭدىن سالامەت قايتقان ۋە غەنىمەت ئالغان بولسا، ئۇنىڭ ئەجرى: جەڭ قىلىپ، جەڭدىن سالامەت قايىتمىغان ياكى سالامەت قايتقان بولسىمۇ غەنىمەت ئالالمىغان يەنە بىر قوشۇندىن ئازراق بولىدۇ، نەۋەۋى بۇ مەنىنى كۈچلۈك دەپ قارىغان. ئىككىنچى مەنىسى: بۇ ھەدىس غەنىمەتنىڭ ھالال ئىكەنلىكىگە دەلىل بولۇپ، ئەجرنى كېمەيتىۋېتىش مەنىسىدە ئەمەس، ئۇنىڭدا پەقەت بىر قىسىم ئەجرى-مۇكاپاتىنى دۇنيادىلا ئىلگىرى ئالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، غەنىمەت ئالغانلار بىلەن ئالمىغانلار باراۋەر، ئەمما دۇنيادا غەنىمەتكە ئىرىشكەنلەر، ئاخىرەتتىكى ئەجرىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى ئالدىنئالا ئالغان بولىدۇ، غەنىمەت ئالمىغانلار ئاخىرەتتە ئەجرىنى تولۇق ئالىدۇ، بۇ مەنىدە غەنىمەت ئالغان ۋە ئالمىغانلار يەنىلا باراۋەر، ئۇرۇشتا غەنىمەت ئالمىغانلارغا ئاللاھ تائالا ئاخىرەتتە غەنىمەتنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرىدۇ، ئاللاھ تائالا خالىغان بەندىسىگە مۇكاپاتنى ھەسسىلەپ بېرىدۇ. ئىبنى ئابدۇل بەر رەھىمەھۇللاھمۇ شۇنداق دېگەن