عن عبد الله بن زيد بن عاصم قال: «لما أفَاء الله على رسوله يوم حُنَيْنٍ؛ قَسَم في الناس، وفي المُؤَلَّفَةِ قلوبهم، ولم يعطِ الأنصار شيئا. فكأنهم وجدوا في أنفسهم؛ إذ لم يُصِبْهُمْ ما أصاب الناس. فخطبهم؛ فقال: يا معشر الأنصار، ألم أجدكم ضُلاَّلاً فهداكم الله بي؟ وكنتم متفرقين فَأَلَّفَكُمُ الله بي؟ وَعَالَةً فأغناكم الله بي؟ كلما قال شيئًا؛ قالوا: اللهُ ورسولُه أمَنُّ. قال: ما يمنعكم أن تجيبوا رسول الله؟ قالوا: الله ورسوله أمَنُّ. قال: لو شِئْتُمْ لقلتم: جئتنا كذا وكذا. أَلَا تَرْضَوْنَ أن يذهب الناس بالشاة والبعير، وتذهبون برسول الله إلى رحَالِكُم؟ لولا الهجرة لكنت امْرَأً من الأنصار، ولو سلك الناس واديًا أو شِعْبًا، لَسَلَكْتُ وادي الأنصار وَشِعْبَهَا. الأنصار شِعَارٌ، والناس دِثَارٌ، إنكم ستلقون بعدي أَثَرَةً ، فاصبروا حتى تلقوني على الحوض».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد ئىبنى ئاسىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: ھۇنەين غازىتى كۈنى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا رەسۇللاھقا ئولجىلارنى ئاتا قىلىۋېدى، پەيغەمبىرىمىز ئۇنى كىشىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىش جەريانىدا ئۇنىڭدىن ئىسلامغا مايىل قىلماقچى بولغان كىشىلەرگىمۇ تەقسىم قىلىپ بەردى ۋە ئەنسارىلارغا ھېچنېمە بەرمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە كەلدى، چۈنكى باشقىلارغا تەككەن نەرسە ئۇلارغا تەگمىگەن ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا خىتاب قىلىپ: ئى ئەنسارىلار جامائىتى، مەن سىلەرنى ئازغۇن ھالدا تېپىپ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا سىلەرگە مېنىڭ قولۇم ئارقىلىق ھىدايەت بەرمىدىمۇ؟ سىلەر چېچىلاڭغۇ ئىدىڭلار، مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا سىلەرنىڭ ئاراڭلارنى ئىتتىپاق قىلمىدىمۇ؟، مەن سىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا مۇھتاج ھالدا ئىدىڭلار، مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا سىلەرنى بىھاجەت قىلمىدىمۇ؟ دىۋېدى، ئۇلار: ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىنىڭ ئاتاسى ھەممىدىن ئارتۇقتۇر، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنداقتا سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ تەقسىماتىغا رازى بولۇشتىن نېمە چەكلەپ قويۇۋاتىدۇ؟ دېۋېدى، ئۇلار: ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىنىڭ ئاتاسى ھەممىدىن ئارتۇقتۇر، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئەگەر خالىساڭلار ئەلۋەتتە سىلى بىزگە ئۇنداق – مۇنداق ھالەتتە كەلگەن ئىدىلە، دېيەلەيسىلەر، باشقا كىشىلەر قوي-كالىلار بىلەن كەتسە، سىلەر كارۋىنىڭلارغا ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بىلەن كېتىشكە رازى بولمامسىلەر؟ ئەگەر ھىجرەت بولمىغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە مەن ئەنسارىلاردىن بىرسى بولغان بولاتتىم، بارلىق كىشىلەر بىر ۋادى ياكى بىر جىلغىغا ماڭسا، مەن ئەنسارىلارنىڭ ۋادىسى ۋە جىلغىسىغا ماڭاتتىم. ئەنسارىلار ئېچ كېيىم، باشقىلار تاش كېيىمدۇر. سىلەر مەندىن كىيىن ئۇنىڭ پەزىلىتىنى كۆرۈسىلەر، ھەۋزى كەۋسەرنىڭ يېنىدا مەن بىلەن ئۈچراشقۇچە سەبىر قىلىڭلار
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تائالا پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھۇنەين غازىتى كۈنى نۇرغۇنلىغان غەنىمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئىدى، پەيغەمبىرىمىز تائىپ قورشاۋىنى تاشلاپ غەنىمەتلەرنىڭ يېنىغا قايتتى، ئۇنىڭ كۆپ قىسمى مال-چارۋىلاردىن ئېدى (يەنى 40 مىڭدىن ئارتۇق تۆگە، 120 مىڭ ئەتراپىدا قوي ئېدى). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلامغا يىڭى كىرگەن قەبىلىلەرگە ئۇلارنى ئىسلامغا تېخىمۇ مايىل قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارغا مال-چارۋىلارنى بەردى، بۇ ئەھۋالغا ئەنسارلارنىڭ بەزىسى رازى بولمىدى، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەنلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلەتتى، ئۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ دېيىشكەن گەپلىرى، يەنى: ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بىزنى قويۇپ، غەنىمەتلەرنى (بىز بىلەن ئۇرۇشۇپ) تېخى قېلىچلىرىمىزدىن ئۇلارنىڭ قانلىرى تامچىپ تۇرغان قەۋملەرگە بېرىۋاتىدۇ، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بۇ گەپلەر يەتكەندە، ئۇلارنى بىر بايراق ئاستىغا توپلىنىشقا بۇيرىۋىدى، ئۇلار توپلاندى، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ماڭا سىلەرنىڭ مۇنداق-مۇنداق دېگىنىڭلار يەتتى دەپ، ئۇلارنىڭ دېگەن گەپلىرىنى ئېيتىپ بەردى ۋە ئۇلارغا بىرئاز كايىدى، ئۇلارنىڭ ئىسلامنى كۈچلەندۈرۈش يولىدا قىلغان خىزمەتلىرىنى ۋە شۇنىڭ سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرى ئېچىلدى، بۇ گەپ بىلەن ئۇلار، پەيغەمبىرىمىز بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆز كارۋانلىرىغا قايتىش، ئۇنىڭدىن سىرت ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقلىرى بەدىلىگە ئۇ دۇنيادا ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا ئاتاپ قويغان نېمەتلىرىنى بىلدى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى سەبرىلىك بولۇشقا بۇيرۇپ ئۇ ئارقىلىق ياخشى نەتىجىلەرگە مۇيەسسەر بولىدىغانلىقىنى بىلدۇردى. تەيسىيرۇل ئەللام 306- بەت، تەنبىھۇل ئەفھام 3- توم 403- بەت، تەئسىسۇل ئەھكام 3- توم197- بەت

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ