عن أبي سعيد الخُدْريِّ رضي الله عنه قال: "كنا نعطيها في زمن رسول الله صلى الله عليه وسلم صاعًا من طعام، أو صاعًا من شعير، أو صاعًا من أَقِطٍ، أو صاعًا من زبيب، فلما جاء معاوية، وجاءت السَّمْرَاءُ، قال: أرى مُدّاً من هذه يعدل مُدَّيْنِ. قال أبو سعيد: أما أنا: فلا أزال أخرجه كما كنت أخرجه على عهد رسول الله صلى الله عليه وسلم ".
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا پىترە سەدىقىسىنى كۈندىلىك يىمەكلىكىمىزدىن بىر سا ياكى ئارپىدىن بىر سا، قۇرۇتتىن بىر سا، ياكى قۇرۇق ئۈزۈمدىن بىر سا بېرەتتۇق. مۇئاۋىيەنىڭ زامانىدا شامنىڭ بۇغدايلىرى كىلىۋېدى، ئۇ: بۇنىڭدىن بىر ئۇۋۇچى ئۇنىڭ ئىككى ئۇۋۇچىغا تەڭ كىلىدۇ، دەپ قارايمەن، دېدى. ئەبۇ سەئىد، ئەمما مەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا قانداق بەرگەن بولسام ئاشۇنداق داۋاملاشتۇرىۋاتىمەن، دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق بايان قىلىدۇ: كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا پىترە سەدىقىسىنى يىمەكلىكتىن بىر سا بىرىدىكەن، مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىپە بولۇپ مەدىنىگە كەلگەندە، مەن شام بۇغدىيىدىن يېرىم سا مىقدارىنىڭ باشقا نەرسىلەردىن بىر ساغا تەڭ كىلىدۇ دەپ قارايمەن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇنىڭ گىپىنى قوبۇل قىلدى، ئەمما ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ قاراشنى ئىنكار قىلدى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشنى ئەلا بىلىش، ۋە بۇ سەدىقە بىلەن كۆزلەنگەن بىھاجەتلىك ھاسىل بولىشى ئۈچۈن، بۇرۇن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا بەرگەندەكلام ھەرقانداق يىمەكلىكتىن بىر سا بېرىشنى چىڭ تۇتتى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ