سەدىقە مالنى كېمەيتمەيدۇ، ئاللاھ بەندىسىگە ئەپۇچانلىقنى زىيادە قىلىدىكەن ئۇ كىشى ئەزىز بولىدۇ، ئاللاھ ئۈچۈن كەمتەر بولغان كىشىنىڭ مەرتىۋېىسىنى ئاللاھ تائالا يۇقىرى قىلىدۇ
كىشلەر ھەر كۈنى تاڭ ئاتقۇزغاندا ئىككى پەرىشتە زېمىنغا چۈشۈپ، بىرى: ئى ئاللاھ، چىقىم قىلغۇچىغا ئورنىنى تولدۇرۇپ بەرگىن! دېسە؛ يەنە بىرى: ئى ئاللاھ، چىڭ سىقىۋالغۇچىغا ۋەيرانچىلىق بەرگىن! دەيدۇ
بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا پىتىر زاكىتىنى كۈندۈلۈك يىمەكلىكىمىزدىن بىر سا ياكى ئارپىدىن بىر سا، قۇرۇتتىن بىر سا ياكى قۇرۇق ئۈزۈمدىن بىر سا بىرەتتۇق. مۇئاۋىيەنىڭ زامانىدا شامنىڭ بۇغدايلىرى كىلىۋېدى، ئۇ دېدىكى: بۇنىڭدىن بىر ئۇۋۇچى ئۇنىڭدىن ئىككى ئۇۋۇچقا تەڭ كېلىدۇ، دەپ قارايمەن دېدى
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ھۆر ياكى قۇل بولسۇن، خورما ياكى ئارپىدىن بىر سا سەدىقە پىتىر بېرىشنى پەرز قىلىپ بىكىتكەن «رامىزاندا دېگەندەك رىۋايەتمۇ بار» بەزى ساھابىلەر ئارپا، خورمىنىڭ ئورنىغا يېرىم سا بۇغداي بەرگەن، مەيلى كىچىك بالا بولسۇن مەيلى چوڭ ئادەم بولسۇن
بەش ئۇقىيەگە يەتمىگەن كۈمۈشكە «بەش ئۇقىيە ھازىرقى 595 گىرامغا تەڭ» زاكات كەلمەيدۇ. بەش تۆگىدىن ئاز چارۋىغا زاكات كەلمەيدۇ. بەش ۋەسەقكە يەتمىگەن ئاشلىققا ئۆشرەچىقىرىلمايدۇ
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ھالال كەسپىدىن بىر تال خورما چاغلىق نەرسە بولسىمۇ سەدىقە قىلسا، ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ئۇنى ئوڭ قولى بىلەن قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا پەقەت پاك نەرسىلەرنىلا قوبۇل قىلىدۇ، خۇددى سىلەرنىڭ بىرىڭلار تېيىنى بىقىپ چوڭ ئات قىلىۋالغىنىدەك چوڭايتىپ بېرىدۇ، ھەتتا ئۇ سەدىقە تاغدەك بولۇپ كېتىدۇ
ھەققىنى ئادا قىلمايدىغان ئالتۇن ۋە كۈمۈش ئىگىسىگە قىيامەت كۈنى ئوتتىن لېگەنلەر ياسىلىپ، ئۇنى جەھەننەم ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىگىسىنىڭ بېقىن، پېشانە ۋە دۈمبىسى داغلىنىدۇ
ئەمەللەر ئالتە تۈرلۈكتۇر، ئىنسانلار تۆت تۈرلۈك بولۇپ، ۋاجىپ قىلىدىغان ئىككى خىسلەت مەۋجۇتتۇر. قىلغىنىغا ئوخشاش جازا، ياخشىلىق ئۆزىنىڭ ئون باراۋېرىدە ۋە ياخشىلىق ئۆزىنىڭ يەتتە يۈز باراۋېرىگىچە
سەدىقىلەرنىڭ ئەۋزىلى ئاللاھنىڭ يولىدا تىككەن چېدىرنىڭ سايىسى، ئاللاھنىڭ يولىدا خىزمەتچى بېرىش ياكى ئاللاھ يولىدا قورامىغا يەتكەن بىر تۆگە بېرىش
ئۈستۈن قول تۆۋەنكى قولدىن ياخشى، ئۈستۈن قول دېگىنىمىز بەرگۈچى قول، تۆۋەنكى قول دېگىنىمىز تىلىگۈچى قولدۇر
قايسى سەدىقىنىڭ ساۋابى ئەڭ كاتتا؟ دېدى. رەسۇلۇللاھ: تىنىڭ ساغلام، پۇل-مالغا ئىھتىياجلىق تۇرۇپ، كەمبەغەللىقتىن قورققان ۋە بايلىقنى ئارزۇ قىلىدىغان ۋاقتىڭدا سەدىقە قىلىشىڭ، دېدى. ئۆلۈم سەكراتىغىچە سەدىقە قىلىشنى ئارقىغا سوزمىغىن، ئۇ ۋاقىتتا بۇ مال-مۈلىكىمنى پالانچىغا بېرىڭلار، بۇنى پالانچىغا بېرىڭلار دەيسەن ھالبۇكى ئۇ ۋاقىتتا مال-مۈلىكىڭ پالانچىغا تەۋە بولۇپ بولغان بولىدۇ
ئى يەزىد! سېنىڭ نىيەت قىلغىنىڭنىڭ ئەجرى ساڭا تېگىشلىك بولدى، ئى مەئىن سېنىڭ ئالغىنىڭ ساڭا تېگىشلىك بولدى
خەجلەڭ ياكى تارقىتىڭ ياكى نەپ يەتكۈزۈڭ، سېقىۋەتمەڭ، بولمىسا ئاللاھمۇ سىزگە سېقىۋىتىدۇ، ئايىماڭ، ئاللاھمۇ سىزگە ئاياپ قالمىسۇن
ھاي،ھاي! نېمە دېگەن پايدىلىق مال بۇ، مەن سېنىڭ دېگەنلىرىڭنى ئاڭلىدىم، مەن ئۇنى يېقىنلىرىڭغا بېرىشىڭنى لايىق كۆرىمەن