عن أبي هريرة رضي الله عنه أن رسول الله صلى الله عليه وسلم قال: «ما نقصت صدقة من مال، وما زاد الله عبدا بعفو إلا عزا، وما تواضع أحد لله إلا رفعه الله عز وجل »
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سەدىقە مالنى كىمەيتىپ قويمايدۇ، بەندە ئەپۇ قىلغانسىرى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئىززىتىنى ئاشۇرىدۇ. كىمكى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن كەمتەرلىك قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى كۆتۈرىدۇ
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

سەدىقە مالنى كىمەيتىپ قويمايدۇ، يەنى: شەكسىزكى بىرەر مالدىن سەدىقە بېرىلسە، ئۇ ھېلىقى مالنى كېمەيتمەيدۇ، بەلكى ئۇنى زىيادە ۋە بەرىكەتلىك قىلىدۇ، ئۇ مالغا كىلىدىغان ئاپەتلەرنى توسىدۇ. بۇ مالنىڭ زىيادە بولىشى يا ئۇنىڭ مىقدارىدا بولىدۇ، مەسىلەن: ئاللاھ تائالا بەندىنىڭ رىزقىنىڭ ئىشىكلىرىنى ھەر تەرەپتىن ئىچىۋىتىدۇ. ياكى ئۇ مالنىڭ كەيپىياتىدا بولىدۇ، مەسىلەن: ئاللاھ تائالا ئۈچۈن قىلىنغان سەدىقىنىڭ مىقدارىدىن كۆپرەك بەرىكەتنى بېرىدۇ. «بەندە ئەپۇ قىلغانسىرى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئىززىتىنى ئاشۇرىدۇ» يەنى: كىمكى ئەپۇچانلىق ۋە باشقىلانى جازالىماسلىق ۋە ئەيىپلىمەسلىك بىلەن تونۇلسا، ئۇ كىشىلەرنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالىدۇ ۋە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بارغانسېرى ئىززەت - ھۆرمىتى زىيادە بولۇپ، مەرتىۋىسى كۆتۈرۈلىدۇ. «كىمكى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن كەمتەرلىك قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى كۆتۈرىدۇ» يەنى: كىمكى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى دەپ ئۆزىنى تۆۋەن تۇتسا، ئۇنىڭ ئالدىدا باش ئەگسە، مەخلۇقاتلارغا يۇمشاق قول بولسا، مۇسۇلمانغا ئۆزىنى نام- شۆھرەتسىز كۆرسەتسە، بۇنداق سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگەنلەرنى بۇ پەزىلەت بارغانسېرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە كۆتۈرىدۇ، قەلبلەرگە مەھبۇب قىلىدۇ، جەننەتتىكى ماقامى ئالى بولىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ