عَنْ خُرَيْمِ بْنِ فَاتِكٍ رضي الله عنه قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ:
«الْأَعْمَالُ سِتَّةٌ، وَالنَّاسُ أَرْبَعَةٌ، فَمُوجِبَتَانِ، وَمِثْلٌ بِمِثْلٍ، وَحَسَنَةٌ بِعَشْرِ أَمْثَالِهَا، وَحَسَنَةٌ بِسَبْعِ مِائَةٍ، فَأَمَّا الْمُوجِبَتَانِ: فَمَنْ مَاتَ لَا يُشْرِكُ بِاللهِ شَيْئًا دَخَلَ الْجَنَّةَ، وَمَنْ مَاتَ يُشْرِكُ بِاللهِ شَيْئًا دَخَلَ النَّارَ، وَأَمَّا مِثْلٌ بِمِثْلٍ: فَمَنْ هَمَّ بِحَسَنَةٍ حَتَّى يَشْعُرَهَا قَلْبُهُ، وَيَعْلَمَهَا اللهُ مِنْهُ كُتِبَتْ لَهُ حَسَنَةً، وَمَنْ عَمِلَ سَيِّئَةً، كُتِبَتْ عَلَيْهِ سَيِّئَةً، وَمَنْ عَمِلَ حَسَنَةً فَبِعَشْرِ أَمْثَالِهَا، وَمَنْ أَنْفَقَ نَفَقَةً فِي سَبِيلِ اللهِ فَحَسَنَةٌ بِسَبْعِ مِائَةٍ، وَأَمَّا النَّاسُ، فَمُوَسَّعٌ عَلَيْهِ فِي الدُّنْيَا مَقْتُورٌ عَلَيْهِ فِي الْآخِرَةِ، وَمَقْتُورٌ عَلَيْهِ فِي الدُّنْيَا مُوَسَّعٌ عَلَيْهِ فِي الْآخِرَةِ، وَمَقْتُورٌ عَلَيْهِ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ، وَمُوَسَّعٌ عَلَيْهِ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ».
[حسن] - [رواه أحمد] - [مسند أحمد: 18900]
المزيــد ...
خۇرەيم بىن پاتىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«ئەمەللەر ئالتە تۈرلۈكتۇر، ئىنسانلار تۆت تۈرلۈك بولۇپ، ۋاجىپ قىلىدىغان ئىككى خىسلەت مەۋجۇتتۇر. قىلغىنىغا ئوخشاش جازا، ياخشىلىق ئۆزىنىڭ ئون باراۋېرىدە ۋە ياخشىلىق ئۆزىنىڭ يەتتە يۈز باراۋېرىگىچە بولىدۇ. ئەمما ۋاجىپ قىلىدىغان ئىككى خىسلەت: ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەستىن ۋاپات بولغان كىشى جەننەتكە كېرىدۇ. ئاللاھقا بىر نەرسىنى شېرىك كەلتۈرۈپ ئۆلگەن كىشى دوزاخقا كېرىدۇ. قىلغىنىغا ئوخشاش جازا: كىمكى ياخشىلىقنى مەقسەت قىلىپ ئۇنى كۆڭلىدە ھېس قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇنى بىلىدۇ، ئۇ كىشىگە بىر ياخشىلىق يېزىلىدۇ، بىر يامانلىق قىلغان كىشىگە بىر يامانلىق يېزىلىدۇ، كىمكى بىر ياخشىلىق قىلسا ياخشىلىق ئۆزىنىڭ ئون باراۋېرىدە بولىدۇ. كىمكى ئاللاھ يولىدا بىر نەرسىنى نەپىقە قىلسا ئۇنىڭ ئۈچۈن يەتتە يۈز ياخشىلىق بولىدۇ. ئەمما ئىنسانلار: دۇنيادا كەڭرىچىلىكتە، ئاخىرەتتە قىيىنچىلىقتا بولىدىغان، دۇنيادا قىيىنچىلىقتا بولغان ئاخىرەتتە كەڭىرچىلىكتە بولىدىغان، دۇنيا-ئاخىرەتتە قىيىنچىلىقتا بولىدىغان، دۇنيا -ئاخىرەتتە كەڭىرچىلىكتە بولىدىغانلاردىن ئىبارەتتۇر».
[ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)] - [ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان] - [مۇسنەد ئەھمەد - 18900]
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەمەللەرنىڭ ئالتە تۈرلۈك بولىدىغان ۋە ئىنسانلارنىڭ تۆت تۈرلۈك بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى، ئالتە تۈرلۈك ئەمەللەر:
بېرىنچى: ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەستىن ۋاپات بولغان كىشىگە جەننەت ۋاجىپ بولدى.
ئىككىنچى: ئاللاھقا بىر نەرسىنى شېرىك كەلتۈرۈپ ئۆلگەن كىشىگە دوزاختا مەڭگۈ قىلىش ۋاجىپ بولدى.
ئۇ ئىككىسى ۋاجىپ قىلىدىغان ئىككى خىسلەتتۇر.
ئۈچىنچى: مەنىۋىي ياخشىلىق، كىمكى بىر ياخشىلىق قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن، نىيىتىدە سەمىمى بولىدىكەن ھەتتا ئۇنى قىلىشنى دىلىدا ھېس قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ نىيىتىنى بىلگۈچىدۇر، ئاندىن بەزى ئىشلار سەۋەبىدىن مەقسەت قىلغان بۇ ياخشىلىقنى قىلىشقا قادىر بولالمىسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن تولۇق بىر ياخشىلىق يىزىلىدۇ.
تۆتىنچى: قىلىنغان يامانلىق، كىمكى بىر يامانلىق قىلىدىكەن، ئۇ كىشىگە بىر يامانلىق يېزىلىدۇ.
بۇ ئىككىسى: زىيادە قىلىنماستىن قىلغىنىغا ئوخشاش جازا بېرىلىدىغان ئىشتۇر.
بەشىنچى: ئۆزىنىڭ ئون باراۋېرىدە بولىدىغان ياخشىلىق، ئۇ: بىر كىشى ياخشىلىقنى مەقسەت قىلىپ ئۇنى قىلسا ئۇ كىشىگە ئون ياخشىلىق يېزىلىدۇ.
ئالتىنچى: ئۆزىنىڭ يەتتە يۈز باراۋېرىگىچە بولىدىغان ياخشىلىق، ئۇ: بىر كىشى ئاللاھ يولىدا بىر نەرسىنى نەپىقە قىلسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن بۇ ياخشىلىق يەتتە يۈز ياخشىلىققىچە يېزىلىدۇ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە قىلغان پەزلى ۋە سېخىلىقىدۇر.
ئەمما تۆت تۈرلۈك كىشىلەر بولسا ئۇلار:
بىرىنچى: دۇنيادا رىزىقلىرى كەڭرى قىلىنغان، خالىغانچە نېمەت بېرىلگەن، لېكىن ئاخىرەتتە تار قىلىنغان ۋە ئاقىۋېتى دوزاخ بولغان كىشى بولسا ھاياتلىقىدا كۆپلەپ مال دۇنيا بېرىلگەن باي كاپىردۇر.
ئىككىنچى: دۇنيادا رىزقى تار قىلىنغان لېكىن ئاخىرەتتە كەڭرى قىلىنغان ئاخىرىقى بارىدىغان جايى جەننەت بولغان كىشى ئۇ كەمبەغەل مۇئمىندۇر.
ئۈچىنچى: دۇنيا-ئاخىرەتتە قىيىنچىلىقتا بولىدىغان كىشى ئۇ كەمبەغەل كاپىردۇر.
تۆتىنچى: دۇنيا-ئاخىرەتتە كەڭىرچىلىكتە بولىدىغان كىشى ئۇ باي مۇئمىندۇر.