عَن أَبِي هُرَيْرَةَ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ: قَالَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ:
«يَأْتِي الشَّيْطَانُ أَحَدَكُمْ فَيَقُولُ: مَنْ خَلَقَ كَذَا؟ مَنْ خَلَقَ كَذَا؟ حَتَّى يَقُولَ: مَنْ خَلَقَ رَبَّكَ؟ فَإِذَا بَلَغَهُ فَلْيَسْتَعِذْ بِاللهِ وَلْيَنْتَهِ».
[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح البخاري: 3276]
المزيــد ...
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ يېنىغا شەيتان كېلىپ: بۇنى كىم ياراتتى؟ بۇنى كىم ياراتتى؟ دەيدۇ، ھەتتا رەببىڭنى كىم ياراتتى؟ دەيدۇ، مۇشۇ سۆزگە يەتكەندە، ئاللاھدىن پاناھلىق تەلەپ قىلسۇن ۋە تەپەككۇر قىلىشتىن توختىسۇن».
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان] - [سەھى بۇخارى - 3276]
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شەيتاننىڭ مۇئمىننى ۋەسۋەسە قىلىپ كۆڭلىگە تاشلايدىغان سوئاللىرىدىن قۇرتۇلۇشنىڭ ئىلاجىنى بايان قىلىپ بەردى. شەيتان: بۇنى كىم ياراتتى؟ بۇنى كىم ياراتتى؟ ئاسماننى كىم ياراتتى؟ زېمىننى كىم ياراتتى؟دەيدۇ. مۇئمىن دىنى تەرەپتىن، ئەقلى تەرەپتىن ۋە تۇغما تەبىئەت تەرەپتىن: ئاللاھ ياراتتى دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. لېكىن شەيتان ۋەسۋەسىدىن بۇ دەرىجىدە توختىمايدۇ بەلكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە يېتىپ: رەببىڭنى كىم ياراتتى؟ دەيدۇ. شۇ ۋاقىتتا مۇئمىن بۇ ۋەسۋەسىنى تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك ئىش بىلەن مۇداپىئە قىلىدۇ:
ئاللاھقا بولغان ئىمان.
ئاللاھقا سېغىنىپ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن پاناھلىق تېلەش.
ۋەسۋەسە بىلەن يۈرۈپ كەتمەي دەرھال توختاش.