ھەدىسلەر تىزىملىكى

?زىكىرنىڭ ئەۋزىلى: لائىلاھە ئىللەللاھۇ، دۇئانىڭ ئەۋزىلى: ئەلھەمدۇ لىللاھ
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
?بەندىنىڭ رەببىگە ئەڭ يېقىن بولىدىغان ۋاقتى، ئۇنىڭ سەجدە قىلغان ھالىتىدۇر، سەجدىدە دۇئانى كۆپ قىلىڭلار
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
?ئاللاھقا ياقتۇرىلىدىغان سۆزلەر تۆتتۇر: سۇبھانەللاھ، ئەلھەمدۇ لىللاھ، ۋەلائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋاللاھۇ ئەكبەر، بۇ سۆزلەرنىڭ قايسىسى بىلەن باشلىسىڭىز خاتا بولمايدۇ
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: تىلغا يەڭگىل، مىزاندا ئېغىر كېلىدىغان، راھمان تائالاغا سۆيۈملۈك ئىككى كەلىمە بار، ئۇ بولسىمۇ: «سۇبھانەللاھى ۋەبىھەمدىھى سۇبھانەللاھىل ئەزىيم» دېگەن كەلىمىدۇر
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
?كىمكى سەپەردە بىر ئورۇنغا چۈشۈپ، ئۇنىڭدىن كېيىن :«ئاللاھ تائالانىڭ مۇكەممەل كەلىمىسى بىلەن ئاللاھغا سېغىنىپ بارلىق نەرسىلەرنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن دېسە، ئۇ كىشى چۈشكەن ئورنىدىن يۆتكىلىپ كېتىپ بولغىچە ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە زىيان يەتكۈزمەيدۇ
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
?ئاللاھ بارچە نۇقسانلاردىن پاكتۇر، جىمى ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر دېيىش، مەن ئۈچۈن دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەردىن سۆيۈملۈكراقتۇر
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
كىمىكى كىچىسى سۈرە بەقەرەنىڭ ئاخىرىقى ئىككى ئايىتىنى ئوقۇپ ياتسا، شۇ كىچىدىكى ھەرقانداق ئىشىغا كۇپايە بولىدۇ.
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
پاكلىق ئىماننىڭ بىر قىسمىدۇر، ئەلھەمدۇلىللاھ مىزاننى توشقۇزىدۇ، سۇبھانە ئاللاھ ۋە ئەلھەمدۇ لىللاھ بۇ ئىككى كەلىمە ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى توشقۇزىدۇ
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى
?ئىنسان ئۆيىگە كىرگەندە، ئۆيىگە كېرىدىغان ۋە يىمەك يەيدىغان ۋاقىتتا ئاللاھنى زىكىر قىلسا، شەيتان ئەگەشكۈچىلىرىگە: بۇ ئۆيدە سىلەرگە قونالغۇ يوق، كەچلىك يىمەكمۇ يوق
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
ئى قەلىبلەرنى ئۆزگەركۈچى زات! مېنىڭ قەلبىمنى ئۆزەڭنىڭ دىنىڭدا مۇستەھكەم قىلغىن
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
كىمىكى مۇنداق دېسە «يەنى ئۆيدىن چىققاندا»: ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ۋە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغان ھالدا چىقىمەن، ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز ھېچ كۈچ-قۇدرەت يوقتۇر. دېسە، شۇ چاغدا ئۇنىڭغا: توغرا يولغا يېتەكلەندىڭ، كۇپايە قىلىندىڭ «يەنى ھاجەتلىرىڭ راۋا بولدى» دۈشمەنلىرىڭنىڭ يامانلىقلىرىدىن ساقلاندىڭ دەپ نىدا قىلىنىدۇ ۋە شەيتانلار ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرۇلىدۇ
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۇخلىغان چاغدا، بېشىنىڭ كەينى تەرىپىگە شەيتان ئۈچ تۈگۈن چېگىدۇ، ھەر بىر تۈگۈننى، ساڭا كېچە ئۇزۇن ئۇخلاۋەرگىن دەپ چىڭىتىدۇ
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
پەرۋەردىگارىنى ئەسلەيدىغان كىشى بىلەن ئەسلىمەيدىغان كىشى ئۆلۈك بىلەن تىرىككە ئوخشاش
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
ئاللاھ تائالا پاكتۇر، پەقەت پاك نەرسىنىلا قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا ئەلچى ۋە پەيغەمبەرلەرنى نېمىگە بۇيرىغان بولسا، مۆمىنلەرنىمۇ شۇنىڭغا بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: ئى پەيغەمبەرلەر ھالال نەرسىنى يەڭلار، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار، دېگەن
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
مېنىڭ ئىسمىم تىلغا ئېلىنسا، ماڭا دۇرۇت ئوقۇمىغان كىشى ھەقىقى بېخىل كىشىدۇر
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
كىمىكى تاماق يەپ بولغاندا: ماڭا تاماق بەرگەن، مېنىڭ كۈچ قۇۋۋىتىمسىز بۇ تاماقلار بىلەن مېنى رىزىقلاندۇرغان ئاللاھ تائالاغا ھەمدىلەر بولسۇن، دېسە، ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
ئى ئاللاھ بارلىق ئىشلىرىمنىڭ تۇتقىسى بولغان دىنىمنى ياخشىلاپ بەرگىن، ياشاش ئاساسىم بولغان دۇنيارىمنى ياخشىلاپ بەرگىن، قايتىدىغان جايىم بولغان ئاخىرىتىمنى ياخشىلاپ بەرگىن، بارلىق ياخشىلىقتا ماڭا ھاياتلىقنى زىيادە قىلىپ بەرگىن، بارلىق يامانلىقتىن ماڭا ئۆلۈمنى راھەت قىلىپ بەرگىن
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
ئى ئاللاھ! مېنىڭ گۇناھلىرىمنى، بىلىمسىزلىكىمنى، ئىشلىرىمدا ئاشۇرۋەتكەنلىكىمنى ۋە مەندىكى پەقەت سەنلا بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
ئى ئاللاھ، دىنىم ۋە دۇنيالىقىمدا، ئائىلەم ۋە مال-مۈلكۈمدە سالامەتلىك تىلەيمەن، نوقسانلىرىمنى ياپقىن، قورقۇنچلىرىمدىن خاتىرجەم قىلغىن، مېنى ئالدى-ئارقامدىن، ئوڭ-سول تەرىپىمدىن ۋە ئۈستۈمدىن قوغدىغىن، بۈيۈكلۈكۈڭ بىلەن ماڭا ئاستى تەرىپىمدىن سۈيقەست قىلىنىشتىن پاناھ تىلەيمەن
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆپىنچە مۇنداق دۇئا قىلاتتى: «ئى ئاللاھ! بىزگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن»
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
ئىستىغپارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزى ئىخچام، مەزمۇنى مول دۇئالارنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇنىڭدىن باشقىلىرىنى تاشلايتى
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
سىلەر شامالنى تىللىماڭلار! ئەگەر ئۇنىڭدىن بىرەر يامانلىق كۆرسەڭلار: ئى ئاللاھ بىز بۇ شامالنىڭ ياخشىسىنى، ئۇنىڭدىكى ياخشىلىقنى ۋە ئۇ بۇيرۇلغان ئىشنىڭ ئەڭ ياخشسىنى تىلەيمىز، بۇ شامالنىڭ يامانلىقىدىن، ئۇنىڭدىكى ئاپەتتىن ۋە ئۇ بۇيرۇلغان ئىشلارنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمىز، دەڭلار!
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
سىلەرنىڭ بىرىڭلار دۇئا قىلغىنىدا: "ئى ئاللاھ! ئەگەر خالىساڭ مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ئەگەر خالىساڭ ماڭا رەھىم قىلغىن" دېمىسۇن. بەلكى سورىغانلىرىدا قەتئىي بولسۇن، تىلىكىنىڭ قوبۇل بولىشىغا ئىشەنچ قىلسۇن. چۈنكى ئاللاھقا ھېچنەرسە ئېغىر كەلمەيدۇ
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
مېنىڭ ئىسمىم تىلغا ئېلىنسا، ماڭا دۇرۇت ئوقۇمىغان كىشى ھەقىقى بېخىل كىشىدۇر
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
?ئەتتىگەندە ۋە كەچتە ئۈچ قېتىمدىن ئىخلاس سۈرىسى ۋە مۇئەۋۋەزەتەيننى ئوقۇساڭ، بۇ سېنىڭ ھەممە ئىشلىرىڭغا كۇپايە قىلىدۇ» دېدى
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
بەندە ھەر كۈنى ئەتتىگەن ۋە كەچتە: "نامىنى تىلغا ئېلىش بىلەن زېمىندا ۋە ئاسماندا ھېچ شەيئى زىيان يەتكۈزۈلمەيدىغان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ئۇ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر"،- دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم دېسە، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە زېيان يەتكۈزەلمەيدۇ
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
?ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە - يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، ئاللاھ كاتتىدۇر، جىمى ھەمدۇ-سانالار ئاللاھقا خاستۇر. ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، غالىب، ھېكمەتلىك ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز ھېچقانداق كۈچ-قۇۋۋەت يوقتۇر
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ماڭا دۇئا ئۈگۈتۈپ قويسىلا! دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئاللاھ! سەن بىلەن قۇلىقىم، كۆزۈم، تىلىم، قەلبىم ۋە شەھۋىتىمنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن دېگىن» دېدى
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
ھەر پەرىز نامازدىن كىيىن ئوقۇغان، ياكى قىلغانلار نائۈمىد بولمايدىغان زىكىرلەر
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەسجىدكە كىرگەندە: «ئۇلۇغ ئاللاھ بىلەن، ئۇنىڭ ئېسىل يۈزى بىلەن، ئەبەدىي پادىشاھلىقى بىلەن قوغلاندى شەيتاندىن پاناھ تىلەيمەن» دەيتتى
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
?سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ يېنىغا شەيتان كېلىپ: بۇنى كىم ياراتتى؟ بۇنى كىم ياراتتى؟ دەيدۇ، ھەتتا رەببىڭنى كىم ياراتتى؟ دەيدۇ، مۇشۇ سۆزگە يەتكەندە، ئاللاھدىن پاناھلىق تەلەپ قىلسۇن ۋە تەپەككۇر قىلىشتىن توختىسۇن
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى
?سىلەرنىڭ بىرىڭلار مەسچىتكە كىرگەندە: ئى ئاللاھ! ماڭا رەھمەت ئېشىكىڭنى ئېچىۋەتكىن دېسۇن، مەسچىتتىن چېقىدىغان ۋاقىتتا: ئى ئاللاھ! مەن سەندىن پەزلى-رەھمىتىڭنى سورايمەن دېسۇن
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى
ئۇ ھىنزەپ دەپ ئاتىلىدىغان شەيتاندۇر، سەن بۇنى ھېس قىلغان ۋاقتىڭدا، ئۇنىڭ ئازدۇرىشىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تېلىگىن، سول تەرىپىڭگە ئۈچ قېتىم تۈفلىۋەتكىن
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەچ كىرگەندە: «بىز كەچ قىلدۇق، پادىشاھلىق ئاللاھقا مەنسۇپ ھالدا كەچ كىردى، ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاس، ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، ئاللاھ بىر، ئۇنىڭ شېرىكى يوق» دەيتتى
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن: «بارلىق ھەمدۇ سانا پاك ۋە بەرىكەتلىك بولغان ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ كىم بىزگە رىزىق بېرەلمەيدۇ، بىزگە رىزىق بېرىشكە ئاللاھ يېتەرلىكتۇر، بىز پەرۋەردىگارىمىزغا مۇھتاجمىز» دەيتتى
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
ئى ئاللاھ! سەن مېنىڭ تايانچىم ۋە ياردەمچىم، سىنىڭ ياردىمىڭ بىلەن تەدبىر قىلىمەن، سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەن ئۇلارغا قارشى تۇرىمەن ۋە سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەن ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىمەن
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
ئىجابەتسىز قايتۇرۇلمايدىغان ياكى ناھايتى ئاز قايتۇرىلىدىغان ئىككى خىل دۇئا بار، بىرسى؛ ئەزان ئېيتىلىۋاتقان ۋاقىتتا قىلىنغان دۇئا، يەنە بىرسى؛ تازا قاتتىق ئۇرۇش بولىۋاتقان ۋاقىتتا قىلىنغان دۇئا
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
ئى ئاللاھ! بىز ئۇلارنىڭ ھالاكىتىنى ساڭا تاپشۇرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سىغىنىمىز
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
باقى قالىدىغان ياخشى ئەمەللەر: بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوق، ئاللاھ ئەيىب نۇقساندىن پاكتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ئاللاھقا ھەمدۇ-سانالار بولسۇن، تەدبىر ۋە قۇۋۋەت پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەندۇر
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
مەن ساڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ماڭا ئۈگۈتۈپ قويغان سۆزلەرنى ئۈگۈتۈپ قويايمۇ؟، تاغدەك قەرزىڭ بولسىمۇ ئاللاھ قەرزىڭنى ئادا قىلىپ بېرىدۇ، سەن: «ئى ئاللاھ! ھالال رىزقىڭ ئارقىلىق مىنى ھارامدىن ساقلىغىن، ئۆز مەرھىمىتىڭ بىلەن سەندىن باشقىدىن بىھاجەت قىلغىن» دېگىن
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەر قىلسا سەپەرنىڭ مۇشەققىتىدىن، يامان ئاقىۋىتىدىن، مۇكەممەللىشىپ بولۇپ كېمىيىشىدىن، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسىدىن، ئەھلى ۋە مېلىدا يامان ئەھۋالنىڭ كۆرۈنۈشىدىن پاناھ تىلەيتتى
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
ئى ئاللاھ، مەن سىلى بىلەن دوزاخنىڭ پىتنىسىدىن، دوزاخنىڭ ئازابىدىن، بايلىق ۋە كەمبەغەللىكنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
ئۈزۈڭگە تەقۋادارلىقنى ھەمرا قىلغىن، ھەر بىر تۆپىلىككە چىققىنىڭدا "ئاللاھۇ ئەكبەر" دەپ تەكبىر ئېيتقىن
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
ئەگەر بىز ئىگىزلىككە چىقساق: ئاللاھۇ ئەكبەر، پەسكە چۈشسەك: سۇبھاناللاھ دەيتتۇق
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
ئەبۇ سالىھ بىزنى ئۇخلىماقچى بولغاندا ئوڭ تەرەپنى بېسىپ يېتىشقا بۇيرىيتتى
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
ھەقىقەتەن شەيتان دېدىكى: ئى پەرۋەردىگار سىلىنىڭ ئىززەتلىرى بىلەن قەسەمكى، سىلىنىڭ بەندىلىرىنىڭ جانلىرى تەنلىرىدىلا بولىدىكەن، ئۇلارنى ئازدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمەن. پەرۋەردىگارىمىز دىدىكى: مېنىڭ ئىززىتىم ۋە ئۇلۇغلىقىم بىلەن قەسەمكى، ئۇلار مەندىن مەغپىرەت تىلىسىلا مەنمۇ مەغپىرەت قىلىشىمنى داۋاملاشتۇرىمەن
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
كىمكى "ئەستەغپىرۇللاھ ئەللەزى لائىلاھە ئىللاھۇۋەل ھەييۇل قەييۇم ۋە ئەتۇبۇ ئىلەيھى" دېسە، ھەتتا ئۇ كىشى جەڭدىن قېچىشتەك چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
ئاللاھ پەيدا قىلىدىغان بۇ مۆجىزىلەر: بىرەر كىشىنىڭ ئۆلگىنى ياكى تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن بولمايدۇ، لېكىن ئاللاھ ئۇنى بەندىلىرىنى قورقۇتۇش ئۈچۈن پەيدا قىلىدۇ، سىلەر ئۇ ئەھۋاللاردىن بىرەرسىنى كۆرسەڭلار، دەرھال ئاللاھنى تىلغا ئېلىشقا، دۇئا قىلىشقا ۋە كەچۈرۈم سوراشقا ئالدىراڭلار
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
ئى ئاللاھ!، ئەيياش ئىبنى ئەبۇ رەبىيئەنى، سەلەمە ئىبنى ھىشامنى، ۋەلىد ئىبنى ۋەلىدنى ۋە ئاجىز مۆمىنلەرنى قۇتقازغىن، مۇزەر قەبىلىسىنى قاتتىق جازالىغىن، ئۇلارغا يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكىدەك قەھەتچىلىك بەرگىن
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
پەرۋەردىگارىم!، ماڭا ياردەم بەرگىن، زىيىنىمغا ياردەم بەرمىگىن، ماڭا مەدەت بەرگىن، زىيىنىمغا مەدەت بەرمىگىن، ماڭا تەدبىر بەرگىن، زىيىنىمغا تەدبىر بەرمىگىن، ماڭا ھىدايەت بەرگىن، ماڭا ھىدايەتنى مۇيەسسەر قىلىپ بەرگىن، ماڭا زۇلۇم قىلغۇچىغا قارشى ياردەم بەرگىن
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
قانداقمۇ خۇشال بولغىلى بولسۇن! پەرىشتە قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن سۈر چېلىشقا تەييارلىق ھالىتدە بولۇپ، ئاللاھدىن بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرماقتا
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
ئى ئاللاھ، مېنىڭ ئىلگىرى-كېيىن، يوشۇرۇن-ئاشكارا قىلغان گۇناھلىرىمنى كەچۈرگىن
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى