عن عثمان بن عفان رضي الله عنه مرفوعاً: «ما من عبد يقول في صباح كل يوم ومساء كل ليلة: بسم الله الذي لا يضر مع اسمه شيء في الأرض ولا في السماء وهو السميع العليم، ثلاث مرات، إلا لم يَضُرَّهُ شيء».
[صحيح] - [رواه أبو داود والترمذي وابن ماجه والنسائي في الكبرى وأحمد]
المزيــد ...

ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «بەندە ھەر كۈنى ئەتتىگەن ۋە كەچتە: "نامىنى تىلغا ئېلىش بىلەن زېمىن ۋە ئاسماندا ھېچ نەرسە زىيان يەتكۈزمەيدىغان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ئۇ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر"،- دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم دېسە، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە زېيان يەتكۈزەلمەيدۇ»
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

«بەندە ھەر كۈنى ئەتتىگەن ۋە كەچتە» يەنى: تاڭ يورىغاندىن ۋە كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن. ئەھمەدنىڭ رىۋايىتىدە: «كۈندۈزنىڭ ئەۋۋىلىدە ياكى كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە» دەپ كەلگەن. «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن» يەنى: ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۇلۇغلاپ ۋە بەرىكەت ئۈمىد قىلىپ تىلغا ئالىمەن. «نامىنى تىلغا ئېلىش بىلەن زېمىندا ۋە ئاسماندا ھېچ نەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان» يەنى: ئۇنىڭ ئىسمىنى توغرا ئېتىقاد ۋە خالىس نىيەت بىلەن تىلغا ئالسا ئۇ كىشىگە زېمىندىكى ۋە ئاسماندىن چۈشكەن بالا-مۇسىبەتلەر زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئۇ بىزنىڭ سۆزلىرىمىزنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئەھۋالىمىزنى بىلپ تۇرغۇچىدۇر. بۇ ھەدىس: بۇ سۆزلەرنىڭ دېگۈچىنى ھەر قانداق زىياندىن مۇداپىئە قىلىدىغانلىقىغا دەلىلدۇر

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ