عن أبي مسعود البدري رضي الله عنه عن النبي صلى الله عليه وسلم قال: «مَنْ قَرَأَ بِالآيَتَيْنِ مِنْ آخر سُورَةِ البَقَرَةِ في لَيْلَةٍ كَفَتَاه».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...
ئەبۇ مەسئۇد ئەلبەدري رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: كىمىكى كېچىسى سۈرە بەقەرەنىڭ ئاخىرقى ئىككى ئايىتىنى ئوقۇپ ياتسا، شۇ كىچىدىكى ھەرقانداق ئىشىغا كۇپايە بولىدۇ
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە شۇنى بايان قىلغانكى، كىمىكى كېچىدە ئۇخلاشتىن ئىلگىرى سۈرە بەقەرەنىڭ ئاخىرىقى ئىككى ئايىتىنى ئوقۇپ ياتسا، ئاللاھ تائالا ئۇ بەندىسىنى يامان ئىشلاردىن ساقلايدۇ. «كۇپايە بولىدۇ» دېگەن. يەنى كېچە نامىزىنىڭ ئورنىدا بولىدۇ، دېگەن مەنىدە، ياكى زىكىر-تەسبىھلارنىڭ ئورنىغا ئولتۇرىدۇ، دېگۈچىلەرمۇ بار، ياكى تەھەججۈد نامىزىدا بۇنى قىرائەت قىلسا يېتەرلىك، دېگۈچىلەرمۇ بار ۋە ئۇنىڭدىن باشقا مەنىلەرنى دېگۈچى ئالىملارمۇ بولغان، بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۈمكىن