عَنْ سَعْدِ بْنِ أَبِي وَقَّاصٍ رضي الله عنه عَنْ رَسُولِ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ أَنَّهُ قَالَ:
«مَنْ قَالَ حِينَ يَسْمَعُ الْمُؤَذِّنَ أَشْهَدُ أَنْ لَا إِلَهَ إِلَّا اللهُ وَحْدَهُ لَا شَرِيكَ لَهُ، وَأَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ، رَضِيتُ بِاللهِ رَبًّا وَبِمُحَمَّدٍ رَسُولًا، وَبِالْإِسْلَامِ دِينًا، غُفِرَ لَهُ ذَنْبُهُ».

[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

سەئەد بىن ئەبۇ ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«كىمىكى مۇئەززىننىڭ ئەزان ئوقۇغىنىنى ئاڭلىغاندا: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، ئاللاھ يالغۇز، ئاللاھنىڭ ھېچ شېرىكى يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بەرسە، ئاللاھ تائالاغا رەب جەھەتتە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەلچىلىك جەھەتتە ۋە ئىسلامغا دىن جەھەتتە رازى بولدۇم دېسە، ئۇ كىشىنىڭ گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇئەززىننىڭ ئەزان ئوقۇغىنىنى ئاڭلىغاندا: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، ئاللاھ يالغۇز، ئاللاھنىڭ ھېچ شېرىكى يوق، يەنى: ئاللاھدىن باشقا ھېچ ھەق مەبۇد يوق دەپ ئىقرار قىلىمەن ۋە ئېتىراپ قىلىمەن، ئاللاھدىن باشقا مەبۇدلارنىڭ ھەممىسى باتىل دېسە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى يەنى: ئۇ ئىبادەت قىلىنمايدىغان بەندە، يالغان سۆز قىلمايدىغان ئەلچىدۇر. ئاللاھ تائالاغا پەرۋەردىگارلىق جەھەتتە رازى بولدۇم يەنى: ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىقى، ئىلاھلىقى، ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىگە رازى بولدۇم. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ يەتكۈزۈشكە بۇيرىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىزگە يەتكۈزگەنلىكىگە، ئەلچىلىك ۋەزىپىىسىنى تولۇق ئادا قىلغانلىقىغا رازى بولدۇم. ئىسلامغا ئۇنىڭ بارلىق ھۆكۈملىرى، بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىگە ئىتىقاد قىلىپ ۋە بويسۇنۇپ دىن دەپ رازى بولدۇم دېسە ئۇ كىشىنىڭ بارلىق كېچىك گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە پوشتوچە ئاسامىي السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئەزاننى ئاڭلىغاندا مۇشۇ دۇئانى ئوقۇش گۇناھلارغا كاپارەت بولىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ