عن جابر رضي الله عنه مرفوعًا: «من قال حين يَسْمَع النِّدَاء: اللَّهُم ربِّ هذه الدَّعْوَة التَّامة، والصَّلاة القَائمة، آتِ محمدا الوَسِيلَة والفَضِيلة، وابْعَثْه مَقَامًا محمودًا الَّذي وعَدْتَه، حلَّت له شَفَاعَتِي يوم القيامة».
[صحيح] - [رواه البخاري]
المزيــد ...

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئەزاننى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئى مۇشۇ مۇكەممەل چاقىرىقنىڭ، ئادا قىلىنماقچى بولغان نامازنىڭ رەببى! پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ۋەسىلە ۋە پەزىلەتنى ئاتا قىلغىن، ئۇنى سەن ئۇنىڭغا ۋەدە قىلغان مەدھىيەگە لايىق مەقام بىلەن شەرەپلەندۇرگىن دېسە، قىيامەت كۈنى مېنىڭ ئۇنىڭغا شاپائەت قىلىشىم ۋاجىپ بولىدۇ.»
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئەزاننى ئاڭلىغاندا، يەنى كىمكى دۇئادىن ھەدىستە بايان قىلىنغان مۇشۇ سۆزلەرنى مۇئەززىن ئەزاننى ئاخىرلاشتۇرۇپ بىكار بولغاندا دېسە، ئىمام مۇسلىمدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاستىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: «ئەگەر ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار، مۇئەززىنگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ دېگىنىنى دەڭلار، ئاندىن ماڭا دۇرۇت ئېيتىڭلار، ئاندىن مەن ئۈچۈن ۋەسىلە سوراڭلار...بۇ دۇئا مۇئەززىن ئەزاننى قايتىلاپ بىكار بولغاندىن كېيىن بولىدۇ. مۇكەممەل چاقىرىق؛ ئەزان چاقىرىق دەپ ئاتالدى، ئۇنىڭدا كىشىلەرنى نامازغا چاقىرىش بار، مۇكەممەل دەپ ئاتىلىشى: ئىمان ئەقىدىسى، تەۋھىد ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىكىنى تەستىقلاشتىن ئىبارەت مەنالارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ئەزاننىڭ ئەۋۋىلى تەكبىر، ئۇنىڭدا ئىسلامنىڭ ئاۋۋالقى رۇكنى بولغان ئىككى شاھادەت بار، ئاندىن نامازغا چاقىرىق ئاخىرى يەنە تەكبىر بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، ئوقۇلغۇچى ناماز دېگەن سۆز ئىككى تۈرلۈك مەنانى ئىپادىلەيدۇ: بىرىنچى: ھازىر ئوقۇلىدىغان ناماز، ئىككىنچىسى: ھېچقانداق بىر مىللەت ئۆزگەرتىۋېتەلمەيدىغان، ئەمەلدىن قالدۇرىۋېتەلمەيدىغان ئاسمان-زېمىننىڭ مەۋجۇت بولىشى بىلەن دائىم ئوقۇلىدىغان نامازدىن ئىبارەت، ۋەسىلە دېگەن غەيرىگە يېقىنلىشىدىغان نەرسە بولۇپ، ئاللاھنىڭ تەرىپىگە بولغان ۋەسىلە دېگەن بەندىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ياخشى ئەمەللەردىن ئىبارەت، بۇ يەردە ۋەسىلىدىن: جەننەتتىكى ئالى ئورۇن مەقسەت قىلىنىدۇ، بۇ مەنا ئىمام مۇسلىمدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاستىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە ئوچۇق بايان قىلىنغان، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: «ئەگەر ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار، مۇئەززىنگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ دېگىنىنى دەڭلار، ئاندىن ماڭا دۇرۇت ئېيتىڭلار، ئاندىن مەن ئۈچۈن ۋەسىلە سوراڭلار، چۈنكى ۋەسىلە جەننەتتىكى بىر ئورۇن بولۇپ، ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن بىرلا بەندىگە بېرىلىدۇ، شۇ بەندىنىڭ مەن بولۇپ قىلىشىمنى ئارزۇ قىلىمەن.» پەزىلەت دېگەن: باشقا كىشىلەردىن يۇقىرى بولغان ئالاھىدە مەرتىۋە بولۇپ، بۇنىڭدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى باشقا كىشىلەردىن ئارتۇق قىلغىن دېگەن بولىدۇ، قىيامەت كۈنى كىشىلەر قەبرىدىن قوزغىلىپ ھېساب مەيدانىغا توپلانغاندا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ماختىلىنىدىغان مەرتىۋىگە يەتكۈزگىن، ماختىلىنىدىغان مەرتىۋە دېگەن: ئىززەت-ھۆرمەتنىڭ تۈرلىرىدىن بولغان ماختىلىنىدىغان بارلىق نەرسىلەرگە ئېشلىتىلىنىدۇ، بۇنىڭدىن ھۆكۈم قىلىنىدىغان ۋاقىتتىكى چوڭ شاپائەت مەقسەت قىلىنىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكىلەرنىڭ ھەممىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ماختايدۇ، قىيامەت كۈنىدە كىشىلەرنىڭ ھەشىر مەيدانىدا تۇرىشى ئۇزۇن بولۇپ كېتىدۇ، ئۇزۇن تۇرۇش ئۇلارغا قېيىن بولىدۇ، ئۇلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا بېرىپ ئۆزلىرى ئۈچۈن شاپائەت تىلەشنى ۋە مۇشۇ قىيىنچىلىقتىن خالاس قىلىشنى ئۆتىنىدۇ، ئادەم ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئۆزۈر ئېيتىدۇ، ئاندىن ئۇلار نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىدۇ، نۇھ ئەلەيھىسسالاممۇ ئۆزۈر ئېيتىدۇ، شۇنداق قىلىپ كىشىلەر ئىبراھىم، مۇسا ۋە ئىسا ئەلەيھىسسالاملارنىڭ قېشىغىمۇ كېلىدۇ، ئاندىن كىشىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «مەن بۇنىڭغا ھەقلىق» دەپ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا بېرىپ سەجدە قىلىدۇ، ئۇنىڭغا گۈزەل مەدھىيىلەر ئىلھام قېلىنىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا: بېشىڭنى كۆتۈر، سورىغىن بېرىلىسەن، دېيىلىدۇ. ئۇ كىشىلەرگە شاپائەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شاپائىتى بىلەن كىشىلەرنىڭ قىيىنچىلىقى ئاسان بولىدۇ، سەن ۋەدە قىلغان كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا بېرىشنى ۋەدە قىلغان چوڭ شاپائەتنى بەرگىن، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ساڭا نەپلە (ئىبادەت) بولۇشى ئۈچۈن، كېچىنىڭ بىر قىسمىدا (ناماز ئوقۇشقا، قۇرئان ئوقۇشقا) ئويغانغىن، (ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى مەدھىيىلىنىدىغان ئورۇنغا (يەنى بۈيۈك شاپائەت ماقامىغا) تۇرغۇزۇشى ھەقىقەتتۇر» ئىسرا سۈرىسى 79-ئايەت. ئۇنىڭغا مەن شاپائەت قىلىمەن يەنى ئۇ كىشى ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ شاپائىتى بېكىتىلىنىدۇ، مۇشۇ دۇئا بىلەن شاپائەتكە ھەقلىق بولىدۇ، ئۇنىڭ پەزىلىتىنى قىيامەت كۈنىدە تاپىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ نېمەتلىرى چەكسىز جەننەتكە كىرىشىگە ياكى مەرتىۋېسىنىڭ ئۈستۈن بولىشىغا ياكى دوزاختىن قۇتۇلىشىغا شاپائەت قىلىدۇ، قىيامەت كۈنىدە دەپ ئاتىلىشى، ئۇ كۈندە چوڭ ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقى، ئىنسانلارنىڭ قەبرىسىدىن تۇرىدىغانلىقى، كىشىلەرگە گۇۋاھ بولىدىغان گۇۋاھچىلارنىڭ تۇرىدىغانلىقى ۋە كىشىلەرنىڭ ھېساب ئورنىدا تۇرۇشى قاتارلىق ئىشلار بولىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ