عن أبي جحيفة رضي الله عنه قال: رأيت بلالًا يؤذِّن ويدور ويتبع فاه هاهنا، وهاهنا، وإصبعاه في أُذنيه، ورسول الله صلى الله عليه وسلم في قُبَّةٍ له حمراء -أُراه قال: من أَدَمٍ- فخرج بلال بين يديه بِالعَنَزَةِ فركزها بِالبَطْحَاءِ، «فصلى إليها رسول الله صلى الله عليه وسلم، يمر بين يديه الكلب والحمار، وعليه حُلَّةٌ حمراء»، كأني أنظر إلى بَرِيقِ ساقيه. وفي رواية: رأيت بلالًا خرج إلى الأبطح فأذَّن فلما بلغ حي على الصلاة، حي على الفلاح، لوى عنقه يمينا وشمالا، ولم يستدِر.
[صحيح دون قوله: (ولم يستدر)] - [رواه أبو داود والترمذي وأحمد]
المزيــد ...

ئەبۇ جۇھەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن بىلالنىڭ چۆگىلەپ تۇرۇپ، ئېغىزىنى ئوڭ-سول تەرەپلەرگە قارىتىپ ۋە ئىككى بارمىقىنى قۇلىقىغا سېلىپ ئەزان توۋلاۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تېرىدىن تىكىلگەن بىر قىزىل چېدىرنىڭ ئىچىدە ئىدى، شۇ ئەسنادا بىلال سايلىققا چىقىپ رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا بىر تال نەيزىنى سانجىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى سۈترە قىلىپ ناماز ئوقۇدى، رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىدىن ئىت، ئېشەكلەر ئۆتىۋېرەتتى، رەسۇلۇللاھ قىزىل تون كېيگەن ئىدى، مەن ئۇنىڭ پاقالچىقىنىڭ ئاقلىقىنى كۆرگەن ئىدىم. يەنە بىر رىۋايەتتە: بىلال سايلىققا چىقىپ ئەزان ئوقۇدى، «حي على الصلاة حي على الفلاح» غا كەلگەندە بوينىنى ئوڭ-سول تەرەپلەرگە بۇرايتتى، ئەمما ئايلانمايتتى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككىنىڭ ئۈستى تەرپىدىكى ئەبتەھ دېگەن جايغا چۈشكەن ئىدى. بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ تاھارىتىدىن ئېشىپ قالغان سۈيىنى كۆتۈرۈپ چىقتى، ساھابىلەر بۇ سۇنى تەۋەرۈك بىلىپ ئېلىشقا باشلىدى، بىلال ئەزان توۋلىدى. ئەبۇ جۇھەيپە دەيدۇ: مەن بىلالنىڭ ئېغىزىغا دېققەت قىلدىم، ئۇ: «ھەييى ئەلەسسالاھ، ھەييى ئەلەلفەلاھ» دېگەندە كىشىلەرگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئوڭ-سول تەرەپكە قارايتى، چۈنكى بۇ ئىككى جۈملە كىشىلەرنى نامازغا كىلىشكە قىزىقتۇراتتى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نامازدا سىۈترە بولۇشى ئۈچۈن قىسقا بىر نەيزە تىكلەندى، رەسۇلۇللاھ پىشىن نامىزىنى ئىككى رەكئەت ئوقىدى، مۇساپىر بولغانلىقتىن مەدىنىگە قايتقانغا قەدەر تۆت رەكىئەتلىك نامازلارنى ئىككى رەكئەت ئوقىدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ