عَنْ ‌عَبْدِ اللهِ بْنِ عَمْرِو بْنِ الْعَاصِ رضي الله عنها أَنَّهُ سَمِعَ النَّبِيَّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَقُولُ:
«إِذَا سَمِعْتُمُ الْمُؤَذِّنَ فَقُولُوا مِثْلَ مَا يَقُولُ، ثُمَّ صَلُّوا عَلَيَّ، فَإِنَّهُ مَنْ صَلَّى عَلَيَّ صَلَاةً صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ بِهَا عَشْرًا، ثُمَّ سَلُوا اللهَ لِيَ الْوَسِيلَةَ، فَإِنَّهَا مَنْزِلَةٌ فِي الْجَنَّةِ، لَا تَنْبَغِي إِلَّا لِعَبْدٍ مِنْ عِبَادِ اللهِ، وَأَرْجُو أَنْ أَكُونَ أَنَا هُوَ، فَمَنْ سَأَلَ لِيَ الْوَسِيلَةَ حَلَّتْ لَهُ الشَّفَاعَةُ».

[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ بىن ئەمرۇ بىن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىىنلغان ھەدىستە، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان:
«مۇئەززىننىڭ ئەزان ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردا مۇئەززىن دېگەن سۆزنىڭ ئوخشىشىنى دەڭلار، ئۇنىڭدىن كېيىن ماڭا دۇرۇت-سالام يوللاڭلار. ھەقىقەتەن كىمكى ماڭا بىر قېتىم دۇرۇت-سالام يوللىسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئۇ كىشىگە ئون رەھمەت يازىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ تائالادىن مەن ئۈچۈن بىر ۋاستىنى سوراڭلار، ئۇ جەننەتتىكى ئالى مەرتىۋە بولۇپ، ئۇنىڭغا پەقەت ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن بىرلا كىشى لايىق بولىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ مەن بولۇشىمنى ئۈمىد قىلىمەن. كىمكى مەن ئۈچۈن ئۇ ئورۇننى سورىسا، ئۇ كىشىگە مېنىڭ شاپائىتىم ھالال بولىدۇ».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام، ئەزاننى ئاڭلىغان كىشىنى مۇئەززىنگە ئەگىشىپ -نامازغا كىلىڭلار ۋە نىجاتلىققا كېلىڭلار- دېگەن سۆزدىن باشقا سۆزلەرنى تەڭ تەكرارلاپ دېيىشكە، نامازغا كىلىڭلار ۋە نىجاتلىققا كېلىڭلار دېگەندە، بارلىق كۈچ-قۇۋۋەت ۋە قۇدرەت پەقەت ئاللاھ بىلەن بولىدۇ دېيىشكە، ئەزان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاشقا كۆرسەتمە بەردى. چۈنكى كىمكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بىر قېتىم دۇرۇت-سالام يوللىسا، ئۇ كىشىگە ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئون رەھمەت يېزىلىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالا ئۇ بەندىسىنى پەرىشتىلەرگە مەدھىيەلەپ بېرىدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن ئۆزى ئۈچۈن ئۈستۈنلۈككە يېتىدىغان ۋاستىنى سوراشقا بۇيرىدى، ئۇ بولسىمۇ جەننەتتىكى ئەڭ ئالى مەرتىۋە بولۇپ، ئۇ ئالى ئورۇنغا ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن پەقەت بىرلا كىشى لايىق بولىدۇ ۋە ئېرىشىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كەمتەرلىك قىلىپ شۇ ئورۇنغا ئېرىشىدىغان كىشىنىڭ مەن بولۇشۇمنى ئۈمىت قىلىمەن دېگەن. بۇ ئالى مەرتىۋە پەقەت بىر كىشى ئۈچۈنلا بولىدىكەن، ئۇ بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن باشقىسى ئەمەس، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىدۇر.
ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزى ئۈچۈن ئالى مەرتىۋىنى تىلەپ دۇئا قىلغان كىشى ئۆزىنىڭ شاپائىتىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. مۇئەززىنگە ئەگىشىشكە رىغبەتلەندۈرۈش.
  2. مۇئەززىنگە ئەگىشىپ بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاشنىڭ پەزىلىتى.
  3. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاپ بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈچۈن جەننەتتىكى ئالى مەرتىۋىنى سوراشقا رىغبەتلەندۈرۈش.
  4. بۇ ئالى مەرتىۋە بەك ئۇلۇغ ۋە كاتتا بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن پەقەت بىر كىشىلا لايىق بولىدۇ.
  5. ئاشۇ ئالى مەرتىۋېگە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ خاس قىلىنغانلىقىنىڭ پەزىلىتىنىڭ بايانى.
  6. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن ئالى مەرتىۋە سورىغان كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ شاپائىتىگە لايىق بولىدۇ.
  7. ئۇ ئالى مەرتىۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا لايىق بولاپ تۇرۇغلۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كەمتەرلىك قىلىپ ئۈممىتىدىن ئۇ مەرتىۋېنى تىلەپ ئۆزى ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
  8. ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى، رەھمىتىنىڭ ئىنتايىن كەڭرى ئىكەنلىكى، بىر ياخشىلىق ئۆزىنىڭ ئون باراۋېرىدە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ