+ -

عن أنس بن مالك رضي الله عنه عن النبي صلى الله عليه وسلم قال:
«مَنْ نَسِيَ صَلَاةً فَلْيُصَلِّ إِذَا ذَكَرَهَا، لَا كَفَّارَةَ لَهَا إِلَّا ذَلِكَ: {وَأَقِمِ الصَّلاةَ لِذِكْرِي} [طه: 14]».

[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«نامازنى ئۇنتۇپ قالغان كىشى ئېسىگە كەلگەن ھامان ئوقۇشى كېرەك، نامازنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا كاپارىتى يوق، ﴿‏وَأَقِمِ الصَّلاةَ لِذِكْرِي﴾‏ تەرجىمىسى: «مېنى زىكىر قىلىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن» [سۈرە تاھا 14-ئايەت].

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: پەرز نامازنى ئادا قىلىشنى ئۇنتۇپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋەتكەن كىشىنىڭ، ئېسىگە كەلگەن ھامان دەرھال ئۇ نامازنىڭ قازاسىنى قىلىشقا ئالدىراش كېرەكلىكىنى بايان قىلىدۇ. چۈنكى نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلالمىغاننىڭ خاتالىقىنى يوشۇرۇش ۋە ئۆچۈرۈشنىڭ بىردىن بىر يولى ئېسىگە ئالغان ھامان دەرھال ئادا قىلىشتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَأَقِمِ الصَّلاةَ لِذِكْرِي﴾‏ تەرجىمىسى: «ئۇنتۇلۇپ قالغان نامازنى ئېسىڭگە ئالغان ھامان ئوقۇغىن» [سۈرە تاھا 14-ئايەت].

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە ھائۇساچە ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە بېرماچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية القيرقيزية النيبالية اليوروبا الليتوانية الدرية الصومالية الكينياروندا
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. نامازنىڭ ئەھمىيىتى، ئۇنى ۋاقتىدا ئادا قىلىش ۋە قازاسىنى قىلىشقىمۇ سەل قارىماسلىق كېرەكلىكىنى بايان قىلىدۇ.
  2. نامازنى ئۈزۈرسىز، قەستەن ئۆز ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈش توغرا بولمايدۇ.
  3. ئۇنتۇپ قالغان نامازنىڭ قازاسىنى ئېسىگە كەلگەندە، ئۇخلاپ قالغان ۋاقىتتىكى نامازنىڭ قازاسىنى ئويغانغاندا ئادا قىلىش ۋاجىپتۇر.
  4. نامازنىڭ قازاسىنى تىزدىن ئادا قىلىش ۋاجىپتۇر. ھەتتا ناماز ئادا قىلىش چەكلەنگەن ۋاقىتتا بولسىمۇ.