عَنْ ‌مَحْمُودِ بْنِ لَبِيدٍ رضي الله عنه:
أَنَّ ‌عُثْمَانَ بْنَ عَفَّانَ أَرَادَ بِنَاءَ الْمَسْجِدِ فَكَرِهَ النَّاسُ ذَلِكَ، وَأَحَبُّوا أَنْ يَدَعَهُ عَلَى هَيْئَتِهِ، فَقَالَ: سَمِعْتُ رَسُولَ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَقُولُ: «مَنْ بَنَى مَسْجِدًا لِلهِ بَنَى اللهُ لَهُ فِي الْجَنَّةِ مِثْلَهُ».

[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

مەھمۇد بىن لەبىيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە:
ئوسمان بىن ئەپپان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىنى كېڭەيتىپ ياسىماڭچى بولغاندا كىشىلەر بۇنى ياقتۇرمىدى، مەسچىتنى ئەسلى ھالىتىدە قالدۇرۇشنى ياخشى كۆردى. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ:«كىمكى ئاللاھ ئۈچۈن بىر مەسچىت بىنا قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ئۈچۈن جەننەتتە ئۇنىڭ ئوخشىشىنى بىنا قىلىدۇ»دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ.

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ئوسمان بىن ئەپپان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىنى بۇرۇنقىدىن كېڭەيتىپ گۈزەل شەكىلدە قايتىدىن ياسىماڭچى بولغاندا كىشىلەر بۇنى ياقتۇرمىدى، چۈنكى قايتا بىنا قىلغاندا مەسچىتنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ياسالغان شەكىللىرى ئۆزگىرىپ كېتەتتى. مەسچىتنىڭ تېمى قىش بىلەن قوپۇرۇلغان، ئۈستى خورما شاخلىرى بىلەن يېپىلغان ئېدى، لېكىن ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەسچىتنى تاش ۋە گەج بىلەن ياساشنى مەخسەت قىلغان ئېدى، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان ھەدىسنى سۆزلەپ: «كىمكى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى مەخسەت قىلىپ، رىيا قىلماستىن ۋە باشقىلارغا ئاڭلىتىشنى مەخسەت قىلماستىن مەسچىت بىنا قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ تۈرىدىن ياخشى بولغان مۇكاپات بىلەن مۇكاپاتلايدۇ، ئۇ مۇكاپات بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ كىشى ئۈچۈن جەننەتتە ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر قەسىر بىنا قىلىنىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. مەسچىت ياساشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى.
  2. مەسچىتنى كېڭەيتىش ۋە رىمىنۇت قىلىپ يېڭىلاشمۇ مەسچىت بىنا قىلغاننىڭ پەزىلىتى دائىرىسىگە كېرىدۇ.
  3. بارلىق ئىشلارنى ئاللاھ تائالا ئۈچۈن خالىس قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى.
تېخىمۇ كۆپ