عَنْ ‌أَبِي حُمَيْدٍ أَوْ عَنْ ‌أَبِي أُسَيْدٍ قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ:
«إِذَا دَخَلَ أَحَدُكُمُ الْمَسْجِدَ فَلْيَقُلِ: اللَّهُمَّ افْتَحْ لِي أَبْوَابَ رَحْمَتِكَ، وَإِذَا خَرَجَ فَلْيَقُلِ: اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ مِنْ فَضْلِكَ».

[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈمەيد ياكى ئەبۇ ئۇسەيد مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«سىلەرنىڭ بىرىڭلار مەسچىتكە كىرگەندە: ئى ئاللاھ! ماڭا رەھمەت ئېشىكىڭنى ئېچىۋەتكىن دېسۇن، مەسچىتتىن چېقىدىغان ۋاقىتتا: ئى ئاللاھ! مەن سەندىن پەزلى-رەھمىتىڭنى سورايمەن دېسۇن».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتىگە مەسچىتكە كىرگەندە ئوقۇلىدىغان: «ئى ئاللاھ! ماڭا رەھمەت ئېشىكىڭنى ئېچىۋەتكىن» دېگەن دۇئانى ئوقۇپ، ئاللاھ تائالادىن ئۆزىگە رەھمەتنىڭ سەۋەپلىرىنى تەييارلاپ بېرىشنى سوراش، مەسچىتتىن چىققاندا: «ئى ئاللاھ! مەن سەندىن پەزلى-رەھمىتىڭنى سورايمەن»دېگەن دۇئانى ئوقۇپ ئاللاھ تائالانىڭ پەزلىنى، ياخشىلىقنى زىيادە قىلىپ بېرىشنى ۋە ھالالدىن رىزىق قىلىپ بېرىشنى تىلەشنى تەلىم بەردى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. بۇ دۇئالارنى مەسچىتكە كىرگەندە ۋە ئۇنىڭدىن چېققاندا ئوقۇش ياخشىدۇر.
  2. مەسچىتكە كىرگەندە رەھمەتنى زىكىر قىلىش، چېققاندا پەزلىنى سوراشنى خاسلاشتۇرۇش بولسا، ھەقىقەتەن مەسچىتكە كىرگۈچى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ جەننىتىگە يېقىنلاشتۇرىدىغان ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردە ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى زىكىر قىلىش مۇناسىپتۇر. مەسچىتتىن چىققاندا ھالال رىزىق تىپىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ پەزلىنى تەلەپ قىلىپ ماڭىدۇ، بۇ يەردە ئاللاھنىڭ پەزلىنى زىكىر قىلىش مۇناسىپدۇر.
  3. بۇ زىكىرلەر مەسچىتكە كىرىشنى مەخسەت قىلغاندا ۋە مەسچىتتىن چېقىپ كېتىشنى مەخسەت قىلغاندا دېيىلىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ