عَنْ ‌أَبِي قَتَادَةَ السَّلَمِيِّ رضي الله عنه أَنَّ رَسُولَ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ:
«إِذَا دَخَلَ أَحَدُكُمُ الْمَسْجِدَ فَلْيَرْكَعْ رَكْعَتَيْنِ قَبْلَ أَنْ يَجْلِسَ».

[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«سىلەرنىڭ بىرىڭلار مەسچىتكە كىرسە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇسۇن».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتكە كەلگەن كىشىنى، قايسى ۋاقىتتا كەلسە ۋە قانداق مەقسەت بىلەن مەسچىتكە كىرسە، ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى ئىككى رەكەت ناماز ئادا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. بۇ ئىككى رەكەت ناماز مەسچىت ھۆرمىتى نامىزىدۇر. (تەھىييەتۇل مەسچىت نامىزى).

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. مەسچىتكە كىرگەندە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى مەسچىتنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئىككى رەكەت ناماز ئادا قىلىش ياخشىدۇر.
  2. بۇ ئىش ئولتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان كىشى ئۈچۈندۇر، ئەمما بىر كىشى مەسچىتكە كېرىپ، ئولتۇرماي چىقىپ كەتسە ئۇ كىشىگە ناماز ئادا قىلىش كېرەك بولمايدۇ.
  3. ناماز ئادا قىلىش ئۈچۈن مەسچىتكە كىرگەندە، كىشىلەر نامازغا تۇرغان بولسا، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ نامازغا قىتىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا مەسچىت ھۆرمىتى نامىزىنى ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ