عَنْ ‌أَبِي هُرَيْرَةَ رَضِيَ اللهُ عَنْهُ: أَنَّ النَّبِيَّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ:
«صَلَاةٌ فِي مَسْجِدِي هَذَا خَيْرٌ مِنْ أَلْفِ صَلَاةٍ فِيمَا سِوَاهُ إِلَّا الْمَسْجِدَ الْحَرَامَ».

[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح البخاري: 1190]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«مېنىڭ مۇشۇ مەسچىتىمدە ئوقۇلغان بىر رەكەت ناماز ھەرەم مەسچىتىدىن باشقا مەسچىتلەردە ئوقۇلغان مىڭ رەكەت نامازدىن ياخشىدۇر».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان] - [سەھى بۇخارى - 1190]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ مەسچىتىدە ناماز ئادا قىلىشنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ، پەيغەمبەر مەسچىتىدە ئوقۇلغان بىر رەكەت ناماز ساۋاپ جەھەتتە، مەككىدىكى ھەرەم مەسچىتىدىن باشقا زېمىندىكى ھەر قانداق مەسچىتتە ئوقۇلغان مىڭ رەكەت نامازدىن ئەۋزەل بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ھەرەم مەسچىتىدە ئوقۇلغان ناماز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىدە ئوقۇلغان نامازدىن ئەۋزەلدۇر.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ھەرەم مەسچىتىدە ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىدە ئوقۇلغان نامازلارنىڭ ئەجىر-ساۋابى زىيادە بولىدۇ.
  2. ھەرەم مەسچىتىدە ئوقۇلغان بىر رەكەت ناماز ئۇنىڭ غەيرىدىكى بارلىق مەسچىتلەردە ئادا قىلىنغان يۈزمىڭ رەكەت نامازدىن ياخشىدۇر.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (57)
تېخىمۇ كۆپ