كىمكى ئاللاھ ئۈچۈن بىر مەسچىت بىنا قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ئۈچۈن جەننەتتە ئۇنىڭ ئوخشىشىنى بىنا قىلىدۇ»دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ
مېنىڭ مۇشۇ مەسچىتىمدە ئوقۇلغان بىر رەكەت ناماز ھەرەم مەسچىتىدىن باشقا مەسچىتلەردە ئوقۇلغان مىڭ رەكەت نامازدىن ياخشىدۇر
سىلەرنىڭ بىرىڭلار مەسچىتكە كىرگەندە: ئى ئاللاھ! ماڭا رەھمەت ئېشىكىڭنى ئېچىۋەتكىن دېسۇن، مەسچىتتىن چېقىدىغان ۋاقىتتا: ئى ئاللاھ! مەن سەندىن پەزلى-رەھمىتىڭنى سورايمەن دېسۇن
بىر ئەئرابى كىلىپ مەسچىتنىڭ بىر تەرىپىگە كىچىك تەرەت قىلىپ قويغاندا، كىشىلەر ئۇنىڭغا ئاچچىقلانغىلى تۇردى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى توسۇۋالدى ۋە ساھابىلەرنى بىر چىلەك سۇ ئەپكىلىپ، سۈيدۈك ئۈستىگە توكۈۋىتىشكە بۇيرىدى
ئى بەنى سەلەمە جەمەتىدىكىلەر! جايىڭلاردا تۇرىۋېرىڭلەر، باسقان ھەر بىر قەدىمىڭلارغا ئەجىر يېزىلىپ تۇرىدۇ
ئاللاھغا شەھەرلەر ئېچىدىكى ئەڭ سۆيۈملۈك جايلار ئۇنىڭ مەسچىتلىرىدۇر ۋە ئاللاھنىڭ شەھەرلەر ئىچىدىكى ئەڭ ياقتۇرمايدىغان جايى ئۇنىڭ بازارلىرىدۇر
ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سەندىن سورايمەن، رەسۇلۇللاھنىڭ: مېنىڭ ئورنۇمدا كاپىرلارغا رەددىيە بەرگىن. ئى ئاللاھ ئۇنىڭغا (ھەسسانغا) جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق كۈچ ئاتا قىلسىلا دېگىنىنى ئاڭلىغانمىدىڭ؟ ئەبۇ ھۇرەيرە: شۇنداق ئاڭلىغانتىم، دېدى
كىمكى مەسچىتتە يوقاپ كەتكەن نەرسىسىنى سوراۋاتقان كىشىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىسا، ئۇنىڭغا: ئاللاھ يوقاپ كەتكەن نەرسەڭنى قايتۇرۇپ بەرمىسۇن دېسۇن، چۈنكى مەسچىت بۇنىڭ ئۈچۈن ياسالمىغان
رەسۇلۇللاھ: «ئەگەر سىلەر مەسجىدتە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقان بىرەر ئادەمنى كۆرسەڭلار، ئاللاھ: تىجارىتىڭگە پايدا ئاتا قىلمىغاي دەڭلار. ئەگەر بىرەر ئادەمنىڭ مەسجىدتە يوقاپ كەتكەن نەرسىلىرىنى ئېلان قىلىپ ئىزدەپ يۈرگەنلىكىنى كۆرسەڭلار، ئاللاھ يۈتتۈرۈپ قويغان نەرسەڭنى قايتۇرۇپ بەرمىگەي دەڭلار»دېگەن.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نەجدە تەرەپكە ئاتلىق قوشۇن ئەۋەتكەن ئىدى، ئۇلار قايتىشىدا يەمامە ئەھلىنىڭ كاتىۋىشى بەنى ھەنىيفە قەبىلىسىدىن بولغان سۇمامە ئىبنى ئاسالنى تۇتىۋىلىپ، مەسچىتنىڭ تۈرۈكلىرىنىڭ بىرىگە باغلاپ قويدى