+ -

عن أبي هريرة رضي الله عنه عن النبي صلى الله عليه وسلم قال: «أحَبُّ البلاد إلى الله مَساجِدُها، وأبغض البلاد إلى الله أسْوَاقُها».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرەرە زىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ئاللاھغا شەھەرلەر ئېچىدىكى ئەڭ سۆيۈملۈك جايلار ئۇنىڭ مەسچىتلىرىدۇر،ۋە ئاللاھنىڭ شەھەرلەر ئىچىدىكى ئەڭ ياقتۇرمايدىغان جايى ئۇنىڭ بازارلىرىدۇر»
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ ئېسىل ۋە ياخشى كۆرىلىدىغان ئورۇنلارنىڭ مەسچىلەردىن ئىبارەت ئىكەنلىكى بايان قېلىنىدۇ، چۈنكى مەسچىتتە ناماز ئوقۇلىدۇ، ئاللاھنى ياد ئېتىپ زىكىر-تەسبىھ ئېيتىلىدۇ، قۇرئان تىلاۋەت قېلىنىدۇ، ئىلىم-مەرىپەت دەرسلىرى بولىدۇ، كىشىلەرگە دىنى بىلىملەردىن تەلىم بېرىلىدۇ، ئۇنىڭ ئەكسىچە ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئورۇنلارنىڭ ئەڭ ئۆچ كۆرۈلىدىغانلىرى يۇرتنىڭ بازارلىرى بولۇپ، بازاردا قۇرۇق سۆز، ۋاراڭ-چۇرۇڭ، كۆپ قەسەم قىلىش، باشقىلارنى ئالداش، يالغان سۆزلەش ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن غاپىل قىلىش قاتارلىق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە كۇردچە ھائۇساچە مەجەرىچە تەرجىمىسى. الجورجية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ