عن عبد الله بن عمرو رضي الله عنهما قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم:
«إِنَّ الْمُقْسِطِينَ عِنْدَ اللهِ عَلَى مَنَابِرَ مِنْ نُورٍ، عَنْ يَمِينِ الرَّحْمَنِ عَزَّ وَجَلَّ، وَكِلْتَا يَدَيْهِ يَمِينٌ، الَّذِينَ يَعْدِلُونَ فِي حُكْمِهِمْ وَأَهْلِيهِمْ وَمَا وَلُوا».

[صحيح] - [رواه مسلم] - [صحيح مسلم: 1827]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ بىن ئەمرۇ بىن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ھەقىقەتەن ئادىللىق قىلغۇچىلار ئاللاھ تائالانىڭ ئوڭ تەرىپىدە نۇردىن بولغان تەختلەرنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئىككى قولى ئوڭدۇر، بەرىكەتلىكتۇر، ئۇلار قىلغان ھۆكۈملىرىدە ۋە ئائىلىلىرىدە ۋە ئۆزلىرى ئىگە بولغان ئىشلاردا ئادىللىق قىلىدۇ».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان] - [سەھى مۇسلىم - 1827]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق دەپ خەۋەر بىرىدۇكى، ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ھەق بىلەن ئادالەت بىلەن ھۆكۈم قىلغان، ئائىلىسىدىمۇ ئادالەتلىك ئىش قىلغان كىشىلەر قىيامەت كۈنىدە ئىززەت-ئىكرام قىلىنىپ، نۇردىن ياسالغان ئالى تەختلەر ۋە يۈكسەك ئورۇنلاردا ئولتۇرىدۇ. بۇ تەختلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئوڭ تەرىپىدە بولىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئىككى قولى ئوڭدۇر، بەرىكەتلىكتۇر.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئادالەتنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭغا قىزىقتۇرۇش.
  2. ئادالەت دېگەن ئومۇمى بىر ئۇقۇم بولۇپ، ئۇ رەھبەرلىك ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسىنى، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىشنى، ھەتتا ئاياللىرى ۋە پەرزەنتلىرى ئارىسىدا ۋە باشقىلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق قىلىشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.
  3. ئادىللىق قىلغۇچىلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى مەقامىنىڭ بايانى.
  4. قىيامەت كۈنى ئىمان ئەھلىنىڭ ئورۇنلىرى قىلغان ئەمەللىرىگە كۆرە پەرقلىق بولىدۇ.
  5. رىغبەتلەندۈرۈش ئۇسۇلى بولسا؛ دەۋەتتە دەۋەت قىلىنغۇچىنى تائەت-ئىبادەتكە رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ ئۇسۇلىدۇر.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (67)
تېخىمۇ كۆپ