عن جابر رضي الله عنه : أن رسول الله صلى الله عليه وسلم قال: «رحِم الله رَجُلا سَمْحَا إذا باع، وإذا اشترى، وإذا اقْتَضَى».
[صحيح] - [رواه البخاري]
المزيــد ...

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ساتقاندا، سېتىۋالغاندا، قەرز سۈيلىگەندە كەڭ قوساق بولغان ئادەمگە ئاللاھ رەھىم قىلسۇن» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: «ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھىم قىلسۇن» دېگەن: ئېلىم-سېتىمدا ۋە قەرز سۈيلىگەندە كەڭ قورساق بولغان كىشىگە قىلىنغان رەھمەت دۇئاسى بولۇپ، ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن ھەممىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ھەدىستە ئەر كىشى دەپ كېلىشى بۇ ئىشلارنىڭ كۆپ ۋاقىتلاردا ئەرلەر ئارىسىدا بولىدىغانلىقى ئۈچۈندۇر. «ساتقاندا كەڭ قورساق بولدى» يەنى: سودىنى ئاسانلاشتۇردى، مال باھاسىدا سېتىۋالغۇچىغا قاتتىقلىق قىلمىدى، بەلكى باھاسىنى چۈشۈرۈپ بەردى. ئىمام ئەھمەد ۋە نەسائىنىڭ رىۋايىتىدە، ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: «ئاللاھ تائالا ئالماق-ساتماقتا ئاسانلىق قىلغان كىشىنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ» دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. «سېتىۋالغان ۋاقىتتىمۇ ئاسانلىق قىلدى»، يەنى: جېدەل قىلمىدى، باھا تالاشمىدى، بەلكى كەڭ قورساقلىق بىلەن ئاسان سودا قىلدى. «قەرز سۈيلىگەندە»، يەنى: قەرزدارلاردىن قەرزنى قوپاللىق قىلماستىن، سېلىق، مۇلايىملىق بىلەن تەلەپ قىلدى. ئىبنى ھىبباننىڭ جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلتۈرگەن رىۋايىتىدە: «قەرزنى ئادا قىلغاندا كەڭ قورساق بولدى» دېيىلگەن، يەنى: ئۈستىدىكى قەرزنى سوزىۋەتمەستىن ۋە باشقىلارنىڭ ھەققىنى يۈتىۋالماستىن، خۇرسەنلىك ۋە ئۆز رازىلىقى بىلەن ئاسان ئادا قىلىدۇ. ساتقاندا، سېتىۋالغاندا، قەرز سۈيلىگەندە ۋە ئۆز ئۈستىدىكى قەرزنى ئادا قىلغاندا كەڭ قورساق بولغان يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تۆت تۈرلۈك كىشىلەرگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن رەھمەت تىلەپ دۇئا قىلغان

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ