+ -

عن أبي هريرة رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «سبق المُفَرِّدُونَ» قالوا: وما المُفَرِّدُونَ ؟ يا رسول الله قال: « الذاكرون الله كثيرا والذاكراتِ».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مُفرِِدُونَ» لار ئىلگىرىلەپ كەتتى دېگەن ئىدى، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇلار كىمۇ؟ دېيىشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنى دائىم زىكىر قىلىپ تۇرغۇچى ئەر-ئاياللار» دېدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكۈچى ئەر-ئاياللار ئاللاھنى ئەسلەش بىلەن كۆپ مەشغۇل بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئەجىر-ساۋابتا باشقىلاردىن ئالاھىدە بولدى، ئۇلار باشقىلاردىن كۆپ ئەمەل قىلدى، ياخشىلىققا باشقىلاردىن بەك ئىلگىرىلىدى، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئاياللارغا ئاللاھ مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى»، يەنى: ئۇلار كۆپ ۋاقىتلاردا، بولۇپمۇ پەرز نامازلاردىن كىيىن ۋە ئەتتىگەن-كەچتىكى زىكىرغا خاس بولغان ۋاقىتلاردا ئاللاھنى ياد ئەتكۈچىلەردۇر

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي شېۋىتچە تەرجىمىسى ئەمھەرىييەچە تەرجىمىسى گوللاندىيىچە تەرجىمىسى. گۇجۇراتچە تەرجىمىسى قىرغىزچە تەرجىمىسى. نىپالچە تەرجىمىسى. يورايىچە تەرجىمىسى. دىررىيچە تەرجىمىسى. سىربىيچە تەرجىمىسى. سومالىيچە تەرجىمىسى كىينىيا راۋاندىيچە تەرجىمىسى. رومانچە تەرجىمىسى. مالاگاسچە تەرجىمىسى. ئۇرۇمىييەچە تەرجىمىسى كاناداچە تەرجىمىسى.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ